باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي خادىمىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ئورۇنسىز ئەيىپلىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز

2016.02.18 13:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي 17-فېۋرالدىكى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ئورۇنسىز ئەيىبلىشى ئادىل ئەمەس ھەم كەسپىي ئەمەس، جۇڭگو ھۆكۈمىتى قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.

  16-فېۋرال، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي خادىمى بايانات ئېلان قىلىپ، يېقىندىن بۇيان جۇڭگۇدىكى ئادۋوكاتلارنى قولغا ئېلىش، ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغۇچىلار ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بولمىغان تەشكىلاتلارنىڭ خادىملىرىغا پاراكەندىچىلىك ۋە تەھدىت سېلىشقا قارىتا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىدىن كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى دەرھال شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  خۇڭ لېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر، مەيلى كىم قانۇنغا خىلاپلىق قىلسۇن، ھەممىسى قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. جۇڭگو تەرەپ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي خادىمىنىڭ جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئوبيېكتىپ قارىشىنى، جۇڭگونىڭ ئەدلىيە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر