- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سۇرىيە دەمەشقنىڭ جەنۇبىدا زەنجىرسىمان پارتلاش يۈز بېرىپ، 83 كىشى قازا قىلدى، 178 كىشى يارىلاندى
2016.02.22 10:39 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۇرىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 21-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى سۇرىيە پايتەختى دەمەشقنىڭ جەنۇبىدىكى سەيدا زەينەپ بازىرىدا يۈز بەرگەن زەنجىرسىمان پارتلىتىش ھۇجۇمىدا 83 كىشى قازا قىلىپ، 178 كىشى يارىلانغان.
سۇرىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، سۇرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى خومۇس زاخارا شەھىرىدە شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن زەنجىرسىمان پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، 39 كىشى قازا قىلغان، يۈزدىن ئارتۇق كىشى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان.
ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا شۇ كۈنى خومۇس ۋە دەمەشق شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارتلىتىش ھۇجۇمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇ يىل 31-يانۋار، سەيدا زەينەب بازىرىدا زەنجىرسىمان پارتلىتىش ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 45 كىشى قازا قىلىپ، 110 كىشى يارىلانغان ئىدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر