باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولدى

2016.02.22 13:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) ئۆتكەن يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئاۋات ناھىيەسىنىڭ غوروچۆل بازىرىغا چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە، غوروچۆل بازارلىق ھۆكۈمەت بىلەن ئارال شەھرى ئىقتىساد ئېچىۋىتىش رايۇنى 300كىشىلىك «ئەمگەك كۈچى چىقىرىش كېلىشىمنامىسى» ئىمزالاپ، 90نەپەردىن ئارتۇق يېزا ياشلىرىنى توقۇمچىلىق ئىشچىلىرىغا ئايلاندۇردى.

  ئارال ئىقتىساد ئېچىۋىتىش رايۇنىدا ئىشقا ئورۇنلاشقان ھۈسەن ئىدرىس مۇنداق دېدى: مەن كەنتتە قوش تىل ۋە ئەمگەك ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىنىپ، ئارال شەھرىدىكى توقۇمچىلىق زاۋۇتىغا تەربىيەلىنىشكە كەلدىم. 3ئاي تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، رەسمىي ئىشقا چۈشتۈم. بۇ ئايدا 3100-3200يۈەن ئەتراپىدا مۇئاش ئالىمەن.بۇ يەردىكى ئاكا-ئىنىلەر، ئاچا-سىڭىلللار ناھايىتى ئىناق ئۆتىمىز. زاۋۇتىمىزنىڭ موھىتىمۇ بەك ياخشى، مەن بۇ يەردە ئىزچىل ئىشلەشنى قارار قىلدىم.

  ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن غوروچۆل بازىرىغا چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى 50مىڭدىن ئارتۇق نۇپۇسقا ئىگە غوروچۆل بازىرىدىكى ياشلارنىڭ بىر قەدەر كۆپلۈكىنى، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنىڭ تارلىقىنى، بىكار يۈرىدىغان ياشلارنىڭ ئائىلىگە، جەمىيەتكە بېسىپ ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر تۇنۇپ، ياشلارنى ئەمگەك ماھارىتى ۋە «قوش تىل» بويىچە تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللەپ، ئۇلارنى تۈرلۈك يوللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن غوروچۆل بازىرىغا چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرىنى تەربىيەلەپ، ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يولىنى كېڭەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى ئۈچۈن ئۆسۈمسىز قەرز بىجىرىپ بېرىپ، ئۆتكەن بىر يىلدا موقىم ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى 800نەپەردىن ئاشۇردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر