باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا-روسىيە قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ 27-فېۋرالدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2016.02.23 11:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى شۇ جاي ۋاقتى 22-چېسلا، ئامېرىكا بىلەن روسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىشى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ 2-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان بىر پارچە ئامېرىكا-روسىيە قوشما باياناتىدا، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سۈرىيە شۇ جاي ۋاقتى 26-كۈنى سائەت 0دىن بۇرۇن روسىيە ياكى ئامېرىكىغا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئادا قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەكلىكى ئېيتىلدى.

  باياناتتا، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ «ئىسلام دۆلىتى» قاتارلىق ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بېكىتكەن تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەربىي ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى، ئامېرىكا بىلەن روسىيەنىڭ داۋاملىق «شام ئىسلام دۆلىتى» قاتارلىق تېررورچىلار تەشكىلاتىغا ھاۋا ھۇجۇمى قاتارلىق ھەربىي ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر