باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ سالاھىيىتىدە ئۆزگىرىش بولماقتا

2016.02.23 12:23         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامانگۈل ئۆمەر خەۋەر قىلىدۇ: ئاۋات ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىش تۈرلىرى بويىچە تەربىيەلەش، ھۆكۈمەت يېتەكلەپ ماسلاشتۇرۇش، ئەمگەك مۇلازىمەت تارماقلىرى تەشكىللەش، دېھقان ۋاسىتىچىلەر كونكرېت ئىجرا قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  ئايباغ يېزىسىنىڭ ئۈستۈنكى كەلپىن كەنتىدىن يېقىندا ناھىيە بازىرىدىكى ‹‹خېشۈن›› ئولتۇراق رايونىغا كۆچۈپ كەلگەن ئابدۇراھمان يۈسۈپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئائىلىمىزنىڭ يەتتە مو تېرىلغۇ يېرى بولغاچقا، دېھقانچىلىق بىلەن تۇرمۇشىمىزنى ئاران قامدايتتۇق. 2013 – يىلى يېزىلىق ئەمگەك كاپالەت ئورنىدىكى خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن يېرىمىزنى ھۆددىگە بېرىۋېتىپ، خوتۇنۇم بىلەن ‹‹لوتەي›› پاختىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىندۇق. ياتاق، تاماق ھەقسىز بولغاچقا، ئىككىمىز ئايدا بەش خىل سۇغۇرتىنى تاپشۇرغاندىن باشقا، 8000 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىپ، يىلدا 70 مىڭ يۈەن ئامانەت قويالايدىغان بولدۇق.

  ئاۋات ناھىيەسىدە ئابدۇراھمان يۈسۈپكە ئوخشاش نۇرغۇن دېھقان ئىشلەمچىنىڭ سالاھىيىتى ۋە تۇرمۇشىدا تەڭلا ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۇلار دېھقان ئىشلەمچىدىن ‹‹تېخنىك ئىشچى››غا ئايلاندى. ھازىر ناھىيەدە 60تىن ئارتۇق ئىشقا تونۇشتۇرۇش ۋاسىتىچى ئەترىتى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئەترەتلەردىكى دېھقان ئىشلەمچىلەر 2500دىن كۆپرەككە يېتىپ، ئۇلار ئۆزلىرىگە خاس ئەمگەك مۇلازىمەت ماركىسى يارىتىپلا قالماي، مۇقىم كىرىم مەنبەسىگە ئىگە ‹‹مۇقىم مائاشلىق ئىشچى››لاردىن بولۇپ قالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر