باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«گۈزەل ئاياللار، بەختلىك ئائىلە» ناملىق كىتابنىڭ ئىككىنچى يۈرۈشى شىنجاڭدا تارقىتىلدى

جاڭ چۈنشيەن سۇڭ شيۇيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2016.02.22 16:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى نەشرگە تەييارلىغان «گۈزەل ئاياللار، بەختلىك ئائىلە» ناملىق تۇرمۇشقا ئائىت كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە - خەنزۇچىسىنىڭ ئىككىنچى يۈرۈشى 21 - فېۋرال شىنجاڭدا تارقىتىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 20 - فېۋرال چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى، شۇجىچۇسىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى سۇڭ شيۇيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا ۋەدىسىدە تۇرۇپ، جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۈنۈمگە ئېتىبار بەردى. بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركىزىي خىزمەتلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاياللارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا يۆنىلىشنى پائال تەڭشەپ، «گۈزەل ئاياللار، بەختلىك ئائىلە» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابنى نەشىرگە تەييارلاپ تارقىتىش، ئاياللارنى تەربىيەلەش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىر ۋە چارىلەرنى قوللىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاياللارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. بۇ قېتىم تارقىتىلغان تۆت پارچە كىتاب ئىلگىرىكى تەجرىبىلەر ئاساسىدا تېخىمۇ نەپس چىقىرىلغان، مەزمۇنى تېخىمۇ مول، كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان، ساقلاش ۋە ئەمەلىي پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە قىلىنغان، بۇ، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ داۋاملىق شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى بويىچە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرىغا تايىنىپ، ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  سۇڭ شيۇيەن مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرى تېز ھەم ساغلام تەرەققىي قىلىپتۇ، خەلق تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپتۇ، ھەر مىللەت ئاياللارنىڭ روھىي كەيپىياتى ياخشىلىنىپ، مەدەنىي ھەم بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىپتۇ. مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى داۋاملىق شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئامما ياقتۇرىدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقى خىزمىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاياللارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ۋە ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاياللارنى ئاكتىپ كۈچ تارقىتىشقا، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى تەشكىلاتلىرىنى ياخشى قۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  سۇڭ شيۇيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 21 - فېۋرال قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرىگە بېرىپ، ھەر مىللەت ئاياللارغا «گۈزەل ئاياللار، بەختلىك ئائىلە» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابنىڭ تۆت پارچە ئىككىنچى يۈرۈش ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە نۇسخىسىنى سوۋغا قىلدى. 2015 - يىلى تۇنجى تۈركۈمدە نەشر قىلىنغان تۆت پارچە كىتابنىڭ 2 مىليون پارچىسى ھەر مىللەت ئاياللارغا تارقىتىپ بېرىلگەنىدى.

  سۇڭ شيۇيەن مۇنداق دېدى: بىز ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككىنچى تۈركۈمدىكى كىتابنى تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاياللارنىڭ بۇ سەككىز پارچە كىتابنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشى ۋە ئۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كىتابلارنىڭ ئوقۇلۇش نىسبىتى ۋە نەپ بېرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. ھەر مىللەت ئاياللارنى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «يېرىم دۇنيا»لىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەيمىز.

  سۇڭ شيۇيەن بۇ قېتىم تۇنجى تۈركۈمدىكى كىتابلارنىڭ تارقىتىلىش، ئوقۇلۇش، پايدىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چې جۈن، ئەركىن تۇنىياز، رىزۋان ئەبەي قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر