باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-ئايدا، مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 3945 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2016.02.22 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىىستىرلىقى تور بېكىتىدە 22-فېۋرال 1-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەرنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالى ئېلان قىلىندى. 31-يانۋارغىچە،مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 3945 مەسىلىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 5459 كىشىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 4480 كىشىگە پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەنلىكى ئېلان قىىلندى.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئېلان قىلغان ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، 1-ئايدا، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلاردىن مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانلار يوق ئىكەن، بىراق يېزىلىق پەن-تېخنىكا كادىرلىرىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى ئېغىرراق بولۇپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان 3945 مەسىلىسىنىڭ 3467 سىنى ئىگىلىگەن، ئىگىلەش نىسبىتى ٪88 كە يەتتى؛ بىر تەرەپ قىىلنغانلارنىڭ نىسبىتى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، 4831 كىشى بىر تەرەپ قىلىنىپ، ئىگىلەش نىسبىتى ٪88.5 كە يەتتى؛ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭ ئىگىلەش نىسبىتى ٪89 كە يەتكەن بولۇپ، 3996 كىشىگە پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئىنتىزام جازاسى بېرىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر