- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەكتەپ پۇتبولچىلىقىنىڭ يېتەكچى خاراكتېرىدىكى ھۆججەت ئېلان قىلىنىدۇ
2016.02.22 15:49 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا گۇاڭدۇڭ چىڭيۈەن خېڭدا پۇتبۇل مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول قىشلىق لاگېرىدا، مۇتەخەسسىسلەر « مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولى ئوقۇتۇش قوللانمىسى» ۋە « مەكتەپ پۇتبول تەنھەرىكىتى دەرىجە ئۆلچىمى» توغرىسىدا ئەڭ ئاخىرقى مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. ئاشكارلىنىشچە، بۇ ئىككى پارچە ھۆججەت پات ئارىدا رەسمىي ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، مەكتەپ پۇتبولچىلىقىدىكى مۇھىم يېتەكچى بولۇپ قالىدىكەن.
بۇ قېتىمقى پۇتبول قىشلىق لاگېردا ھەر قايسى جايلاردىكى 70 دىن ئارتۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن كەلگەن يۇقىرى سەۋىيىلىك كىچىك پۇتبولچىلار قاتناشقان. مائارىپ مىنىستىرلىقى تەنتەربىيە، سەھىيە، سەنئەت تەربىيەسى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ دېڭفېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەكتەپ پۇتبول جەھەتتە، مائارىپ مىنىستىرلىقى پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەتنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن باشقا، كەلگۈسىدە يەنە مەكتەپ ئىچى مۇسابىقىسى، مەكتەپلەر ئارا بىرلەشمە مۇسابىقە ۋە تاللىۋېلىش خاراكتېرلىك مۇسابىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ خىل مەكتەپ پۇتبول مۇسابىقە سىستېمىسىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر