باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىستۇدېنتلارنىڭ «تۆمۈر تاۋاق» ئېڭى سۇسلىشىپ، كارخانىلارغا، ئاساسىي قاتلامغا يۈرۈش قىلماقتا

2016.02.23 11:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) 20- فېۋرال ئەتىگەندە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم - كېچەك ئىنستىتۇتىنىڭ بۇ يىللىق مەكتەپ پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىسى رەيھانگۈل سادىق شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىللىق باھار پەسىللىك ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش پائالىيىتىدە ئۆز تەرجىمىھالىنى شىنجاڭدىكى مەلۇم بىر داڭلىق كىيىم - كېچەك كارخانىسىنىڭ پائالىيەتكە قاتناشقان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش تارمىقى مەسئۇلى جاڭ خانىمغا بەردى. رەيھانگۈل جاڭ خانىم بىلەن بەش مىنۇت پاراڭلاشقاندىن كېيىن خۇشال ھالدا ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتى.

  - بايام جاڭ خانىم مېنىڭ تەرجىمىھالىمنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، مەن لايىھەلىگەن كىيىم - كېچەك پاسونلىرىنى بىر كۆرۈپ باققۇسى بارلىقىنى، ئەگەر يارىسا شىركەتنىڭ لايىھەلەش ئورنىغا قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، ئايلىق مائاشنىڭمۇ كۆڭلۈمدىكىدەك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى،- دېدى رەيھانگۈل ماڭا كۈلۈپ تۇرۇپ،- مەن قەشقەرنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىدىن، ھازىر ناھىيەمىزدىمۇ نۇرغۇن كىيىم - كېچەك كارخانىلىرى ياكى زاۋۇتلىرى بار، ئۇ يەردىمۇ خىزمەت ئورنى تېپىشتىن بەك قىينالمايمەن دەپ ئويلايمەن، لېكىن ئۈرۈمچىدە قالسام، ھۆكۈمەتنىڭ بولمىسىمۇ بىر يەككە چوڭراق كىيىم - كېچەك كارخانىسىغا ئىشقا ئورۇنلىشالىسام ئۆزۈمگە بىر كەسپىمنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان سەھنە ھازىرلىيالىغان بولاتتىم دەپ ئويلايمەن.

  شۇ قاتاردا مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساياھەت ئىنستىتۇتى كەسپى ئوقۇغۇچىسى ئالىمجان ياقۇپ، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات تارقىتىش ئىنستىتۇتى ئوقۇغۇچىسى ھەلىمە ۋە رابىيەلەرنىڭمۇ ئۆز تەرجىمىھالىنى پائالىيەت مەيدانىدىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىشقا چىققان يەككە كارخانا ياكى شىركەتلەرگە بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.

  - مېنىڭ كەسپىمدە ئوقۇيدىغانلار ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا، شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە مەكتىپىدە، ئىچكىرىدىكى چوڭ - چوڭ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بار، ھەر يىلى شىنجاڭ بويىچە ماڭا ئوخشاش كەسىپتە ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانلارنىڭ سانى 150 دىن ئاشىدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابىتى ناھايىتى كۈچلۈك، ھەممە ئادەمنىڭ ئاخبارات - نەشرىيات ئورۇنلىرى ياكى تەشۋىقات بۆلۈملىرىدە ئىشلىشى مۇمكىن ئەمەس، مېنىڭچە يېڭى زاماندىكى ئىستۇدېنتلار ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشىمىزنى تېخىمۇ ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك، ھازىر كارخانا، شىركەتلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ كارخانا مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تەشۋىقاتقا بەك ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، مەن قوشۇمچە ئېلان لايىھەلەشنىمۇ ئۆگەندىم، بۇمۇ مېنىڭ خىزمەت تېپىشىمغا ياردىمى بار دەپ قارايمەن،- دېدى ھەلىمە باقى ماڭا.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىمچە، بۇلتۇر 16 - دېكابىرغىچە شىنجاڭ بويىچە 2015 - يىللىق ئوقۇش پۈتكۈزگەن 75 مىڭ 742 نەپەر ئوقۇغۇچىدىن خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلىرى 67 مىڭ 82 نەپەرگە يېتىپ، %88.57 نى ئىگىلەپ، ئالدىنقى يىلىغا تەڭلەشكەن، «تۆمۈر تاۋاق» ئېڭى بارغانسېرى سۇسلاشقان، %53.93 ى شىنجاڭدىكى خەلق ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارغا بېرىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشقان.

  22 - فېۋرال ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىلەن مائارىپ نازارىتى بىرلىكتە تارقاتقان «2015 - يىللىق شىنجاڭ ئالىي مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش سۈپەت تەكشۈرۈش دوكلاتى» دىن مەلۇم بولۇشىچە بۇلتۇر 16 - دېكابىرغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە مەخسۇس كەسىپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلاشقان نىسبىتى %89.54، نى مەخسۇس كۇرۇسنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلاشقان نىسبىتى %88.34 نى، ماگىستىرلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلاشقان نىسبىتى %82.98 نى، دوكتورلارنىڭ %90.07 بولغان.

  - نۆۋەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ «تۆمۈر تاۋاق» ئېڭى بارغانسېرى سۇسلاشقان، كارخانىلارغا، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئېڭى بارغانسېرى كۈچەيگەن. بۇلتۇر شىنجاڭ بويىچە ئالىي مەكتەپنى ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئورۇنلاردىن ئەڭ بازارلىقى بولغىنى شىنجاڭدىكى مىللىي كارخانىلار، شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرى، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ باسقۇچىدىكى مائارىپ، داۋالاش، سەھىيە ئورۇنلىرى بولغان،- دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پەرىدە رېھىم ماڭا،- ئۇندىن باشقا شىنجاڭدا ئوقۇۋاتقان ئىچكىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ %60 مۇ شىنجاڭدا قېلىپ قالدى، بۇ ئاساسلىقى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئىزچىللىشىشى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ئىستۇدېنتلارنىڭ شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، تەرەققىي قىلىشىغا زور پۇرسەت ئاتا قىلماقتا.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىمچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئۈچۈن يېقىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەخسۇس پىلان لايىھەسى» تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەستايىدىل مۇلازىمەت قىلىپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش تەلەپ قىلىنغان.

  مەزكۇر پىلان بۇ يىل 1 - يانۋاردىن 31 - دېكابىرغىچە يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى كۈچلۈك بولغان، بۇندىن بۇرۇن مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، مەكتەپ پۈتكۈزۈش پىراكتىكىسى قىلىۋاتقان، ئاممىۋى خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئىستۇدېنتلار ۋە بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزۈدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مەزكۇر پىلان تولۇق ئەمەلىيلەشسە 2016 - يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %85 گە يەتكۈزۈلىدىكەن.

  - بۇ يىل شىنجاڭدىن 4 مىڭ نەپەر ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە تەربىيەلەشكە ئەۋەتىمىز، تېخنىكىلىق تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى كۆپلەپ تەربىيەلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنى ئاچىمىز،- دېدى پەرىدە رېھىم.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر