باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹تۆت ئاڭ›› نى كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› نەمۇنىچىلىرىدىن بولايلى

2016.02.22 17:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: مەركەزنىڭ تەلىپى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بىڭتۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى 19 – فېۋرالدىن 20 – فېۋرالغىچە ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› مەخسۇس تېمىسىدا دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشتى، يېتەكچىلىك قىلدى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.

  جاڭ چۈنشيەن بىڭتۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يىغىندىن بۇرۇن دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقتى. بىڭتۈەن پارتكومى بۇ قېتىمقى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن ئەتراپلىق تەييارلىق قىلدى، ھەر بىر دائىمىي كومىتېت ئەزاسىنىڭ سېلىشتۇرۇش، تەكشۈرۈش ماتېرىيالى ۋە شەخسىي نۇتۇق تېزىسىنى ئەستايىدىل يېزىشنى تەلەپ قىلدى.

  يىغىندا ئالاقىدار دوكلاتقا قاراپ چىقىلدى. بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىلىڭيۈەنى ليۇ شىنچى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىگە ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش دوكلاتى بەردى. بەنزە ئەزالىرى ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇش دوكلاتىنى ئوقۇدى، تونۇشىنى، تەسىراتىنى سۆزلەپ، مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، چارە – تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەنقىدلەش ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىدلەشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ، مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تىرىشىش يۆنىلىشى ۋە ئۆزگەرتىش، رەتكە سېلىش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  جاڭ چۈنشيەن سېلىشتۈرۈپ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىڭتۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىپ، ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› ھەققىدىكى ئىدىيەۋى تونۇشىنى ئۆستۈرۈپتۇ؛ مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈشى چوڭقۇر بوپتۇ؛ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەنقىدلەش ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىدلەشتە قاتتىق بوپتۇ؛ رەتكە سېلىش ۋە ئۆزگەرتىش تەدبىرلىرىنى مۇۋاپىق تۈزۈپ، تېزدىن ئۆزگەرتىپ، تېزدىن يولغا قويۇش ئۈنۈمىنى دەسلەپكى قەدەمدە كۆرسىتىپ، راستچىل ۋە ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھىنى نامايان قىپتۇ، بۇ بىڭتۈەندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› مەخسۇس تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، تەنقىدلەش ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىدلەشتىن ئىبارەت كۈچلۈك قورالدىن داۋاملىق ياخشى پايدىلىنىش، پارتىيە ئىچىدىكى قاتتىق سىياسىي تۇرمۇشنىڭ بىڭتۈەننىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تۈرتكە بولۇشتا ئۈلگىلىك ۋە يېتەكچىلىك رولغا ئىگە. كېيىنكى قەدەمدە يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، مەخسۇس تېما تەربىيە پائالىيىتىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەخسۇس تۈزەش، تۈزۈم قۇرۇلۇشى، ئۆگىنىش، تەربىيە پائالىيىتىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش››نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ بەنزە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تۆت تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  بىرىنچى، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرولۇق ئاڭ، بىر سەپتە تۇرۇش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى ئاڭلىق قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن تەشەببۇسكار بىر سەپتە تۇرۇپ، ئىدىيەنى پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 –، 4 –، 5 – ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى سىياسەت، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى، دۆلەتنى، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا توغرىلاش كېرەك. بىڭتۈەن خىزمىتىنى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئومۇمىيىتىگە قويۇپ تۇتۇپ ۋە پىلانلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركەزلىك، بىر تۇتاش رەھبەرلىكىگە ئاڭلىق بويسۇنۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، مۇقىملىقنى ساقلاش، چېگرا رايوننى قوغداش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەت مەنپەئىتى بىڭتۈەننىڭ مەنپەئىتى، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىيىتى بىڭتۈەننىڭ ئومۇمىيىتى دەيدىغان ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش، چېگرا رايوننى قوغداش ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىملاشتۇرغۇچ، چوڭ پېچ، ئۈلگىلىك رايونلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك. ‹‹يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھالەت، بىر سەپتە تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش تەلىپى، <ئۈچ ئىقتىدار> (چۈشىنىش ئىقتىدارى، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارى)نى كۈچەيتىشتە ياخشى نەتىجە يارىتىش››تا چىڭ تۇرۇش كېرەك، دائىمىي كومىتېت بەنزىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر قاتار مۇھىم يىغىن ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەگە، مەسىلىگە، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭ تەلەپ قىلغان ‹‹ئۈچ جەزمەن››، ‹‹ئونغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش››نى ئاڭلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تەمىنلەشنى كۈچەيتىشتىكى يان قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئىدىيەسى، ‹‹يەتتىدە چىڭ تۇرۇش›› ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن تۇرغۇزۇپ، بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، ‹‹13 – بەش يىل››لىق ئۇلۇغۋار پىلاننى بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، بىڭتۈەن پارتكومى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. ھەر بىر بەنزە ئەزاسى باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، سىياسىي ۋە ئىستىل جەھەتتە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، خىزمەتكە يۇقىرى ئۆلچەم قويۇپ، ھەر قايسى جەھەتلەردە ئۈلگە بولىشى كېرەك. چۈشىنىش، ئىجرا قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، دائىملىق تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىشنى باشلامچىلىق بىلەن كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىي ئىشلىشى، باشلامچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىپ، ئىسلاھ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ‹‹ئىككى تىرىشىش››نى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك؛ ئۆزى مەسئۇل بولغان خىزمەتنى ھەقىقىي ياخشى باشقۇرۇپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنى پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ مۇھىم قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىشىنى ئېنىق تەلەپ قىلىپ ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ ئۆزىگە ھەقىقىي قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئىجابىي، سەلبىي تىپلاردىن تەجرىبە – ساۋاق ئېلىپ، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز – ئۆزىنى چەكلەشنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش››نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە توغرا ئورۇن بەلگىلەپ، يۇقىرى ئۆلچەم قويۇپ، جان – دىلى بىلەن ئىشلەپ، ‹‹تۆتتە كۈچلۈك كادىرلار››دىن بولۇشى كېرەك.

  ليۇ شىنچى مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى خۇلاسىلەپ، بىڭتۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىگە ۋاكالىتەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە يولداش جاڭ چۈنشيەننىڭ سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىڭتۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى بىلەن دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرولۇق ئېڭى، بىر سەپتە تۇرۇش ئېڭى تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن ئاڭلىق، دائىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، غايە ئېتىقادنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پولاتتەك ئېتىقاد، ئىشەنچكە ئىگە، ئىنتىزامچان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان رەھبىرىي كادىرلاردىن بولۇپ، نەزەرىيە جەھەتتە ھوشيارلىق ۋە سىياسىي جەھەتتە قەتئىيلىكنى باشتىن – ئاخىر ساقلىشى كېرەك. نەمۇنىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش››نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىدىغان نەمونىچىلەردىن بولۇپ، بەنزە ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆزى ئۈلگە كۆرسىتىپ باشلامچىلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مەركەزنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش، چېگرانى قوغداش رولىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى مۇقىملاشتۇرغۇچ، پېچ، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ياخشى قوغداشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلىپ، سىياسىيدا قەتئىي بولۇشتەك بىرىنچى ئۆلچەمنى باشتىن – ئاخىر كۈچەيتىپ، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى زىچ چۆرىدەپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىپ، قەتئىي ھەرىكەتكە كېلىپ، بىڭتۈەننىڭ 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە ئاۋۋال ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۈەن ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك››تەلىپىنى كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. چۈشىنىش، ئىجرا قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ تۈرلۈك قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىي خىزمەت ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن يىغىنغا قاتنىشىپ يوليورۇق بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر