باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى تەقدىرلەش ۋە سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى

مۇھىم نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «ئۈچئەل» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك

2016.02.24 14:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى 19 - فېۋرال «ئۈچ ئەل» خىزمىتى بويىچە تەقدىرلەش ۋە سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ «ئۈچ ئەل» خىزمىتى ۋە مەركەزلىك تۈزەش باسقۇچىدىكى خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلىدى، پىكىر ئالماشتۇردى، «ئۈچ ئەل» خىزمىتى بويىچە كەنتلەرگە چۈشكەن كادىرلارنى تەقدىرلىدى، مۇكاپاتلىدى، 2016 - يىللىق «ئۈچ ئەل» خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئەمەلىيەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر، تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

  نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېڭى تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، بۇ يىلقى «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەتراپلىق تەشكىللەپ، «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىدە يېڭى ئۈنۈمگە ئېرىشىش كېرەك.

  نەيىم ياسىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى ۋە مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتىگە قاتنىشىدىغان يولداشلار تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى تىرىشىپ يېڭىپ، ئاساسىي قاتلام خىزمىتى، يېزا مۇھىتى ۋە كوللېكتىپ تۇرمۇشقا تېزدىن ماسلىشىپ، ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامغا ياخشى خىزمەت ئىستىلى ۋە روھىي ھالەت بىلەن ئاتلىنىپ، ئاساسىي قاتلامغا ياخشى خىزمەت تەجرىبىسى ۋە ئۇسۇلىنى يەتكۈزۈشى كېرەك.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدىن 1 -، 2 - تۈركۈمدە كەنتلەرگە چۈشكەن كادىرلار پىكىر ئالماشتۇردى، سۆزگە چىقتى، 3 - تۈركۈمدە كەنتلەرگە چۈشىدىغان كادىرلار ئىپادە بىلدۈردى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر