باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ساقچى تەشكىلاتى ياۋروپاغا مۇساپىرلارنى ئوغرىلىقچە يۆتكەشكە زەربە بېرىش مەركىزى تەسىس قىلدى

2016.02.24 13:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى 22- فېۋرال ياۋروپا كۆچمەنلەرنى ئوغرىلىقچە يۆتكەشكە زەربە بېرىش مەركىزى تەسىس قىلىپ، كۆچمەنلەرنى ئوغرىلىقچە يۆتكەش توغرىسىدىكى ئاخباراتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ۋە ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ياۋروپانىڭ سىرتقى چېگراسى ياقىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىنى نۇقتىلىق قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كۆچمەنلەر ، ئىچكى ئىشلار ۋە پۇقرالار ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى ئافرامۇپۇروس مەركەزنى ھەرىكەتلەندۈرۈش مۇراسىمىدا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆچمەنلەرنىڭ ياۋروپاغا كېرىش لىنىيەسىدىكى ئاساسلىق دۆلەت بولغان تۈركىيەنىڭ ياۋروپا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى بىلەن ئاخباراتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى كۈچەيتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر