باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنى ئاڭلىدى

2016.02.24 14:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 19 - فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرىغا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، ياخشى تەكلىپ - پىكىرلەرنى بېرىپ، رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي ئەزالارنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىدا پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى «ئىككى يىغىن»دا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى كۆزلەپ، دۆلەت قاتلىمىدىن قوللاشقا ئېھتىياجلىق بولىدىغان ۋە ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، تەكلىپ ۋە سۆز تېزىسىنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلاپ، مەركەز ۋە مۇناسىۋەتلىك كومىتېتلارنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى، قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  يىغىندا، مالىيە مىنىستىرلىقى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىگە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرىغا مەركەز مالىيەسىنىڭ مالىيە - باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى مالىيە خىزمىتى تەسەۋۋۇرىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشنى تۇنجى قېتىم ھاۋالە قىلدى ھەمدە ئەزالارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر