- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
قورغاس چېگرا ئېغىزىدا ۋىزا بېجىرىش رەسمىيىتى يولغا قويۇلدى
2016.02.24 13:50 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قورغاس چېگرا ئېغىزىدا 18-فېۋرالدىن باشلاپ قونۇش ۋىزىسى كەسپى يولغا قويۇلغان، قورغاس چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن ۋە چىققان ئۈچىنچى دۆلەت پۇقرالىرى، سودا تەكشۈرۈش خادىملىرى قورغاس چېگرا ئېغىزىدا قونۇش ۋىزىسى رەسمىيىتىنى بىۋاسىتە بېجىرەلەيدىغان بولغان، بۇنىڭغا يېرىم كۈنلا كېتىدىكەن. قونۇش ۋىزىسى چەتئەللىكلەرنىڭ چېگرادىن كىرىشنى ئىلتىماس قىلىشىدىكى ئالاھىدە بىر خىل ئۇسۇل، بۇ ۋىزا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۆز دۆلىتىدە ۋىزا بېجىرمەي بارىدىغان دۆلەتكە بىۋاسىتە بېرىپ شۇ دۆلەتنىڭ چېگرا ئېغىزىدا ۋىزا بېجىرىشنى كۆرسىتىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر