باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باش شۇجىنىڭ خەلق گېزىتىگە بارغانلىقى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2016.02.22 14:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  19-فېۋرال جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكىرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىش ئۈچۈن، شى جىنپىڭ خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق مەركەزنىڭ ئۈچ ئاخبارات ئورنىغا بېرىپ خىزمەت تەكشۈردى. باش شۇجى خەلق گېزىتىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تەھرىرلەر بىناسىدىكى تارىخ كۆرگەزمە سۇپىسىدىن باشلىدى، بۇنىڭدا چوڭقۇر مەنە ئىپادىلەنگەن ئىدى. كۆپ قېتىم باش ماقالە يېزىشقا قاتناشقان ئوبزور بۆلۈمى مەخسۇس سىتون ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى جاڭ تيې مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ خەلق گېزىتىگە كېلىشى يەنە بىر قېتىم تارىخقا يېزىلىدۇ.

  كۆپ قېتىم باش شۇجىنىڭ مۇھىم زىيارەت پائالىيىتىنى خەۋەر قىلىشقا قاتناشقان ئاسىيا تىنچ ئوكيان مەركىزى شۆبە ئاگېنتلىقىنىڭ باش مۇخبىرى دىڭ زى مۇنداق دېدى: ئەتىگەندە تايلاندلىق دوستۇمنىڭ باش شۇجىنىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئۇرغان تېلېفونىنى قوبۇل قىلدىم. باش شۇجى خەلقئارا خەۋەرلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بىزنىڭ خىزمەت يۆنىلىشىمىزنى چىڭىتتى ۋە ئايدىڭلاشتۇردى، جۇڭگو بىلەن چەتئەلنى باغلاش، دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىشتا سىياسىي يۆنىلىشنى 1-ئورۇنغا قويۇش كېرەك.

  باش مۇھەررىر ئىشخانىسى مۇھىم خەۋەرلەر بېتىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى خۇڭ يەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى بىزنىڭ ئىشلەش، دەم ئېلىش ۋاقتىمىزنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈرۈپ، بىزگە سالامەتلىكىڭلارغا بەك دىققەت قىلىڭلار دېدى، باش شۇجى بىزگە بەك مېھرىبان، يېقىنلىق ھېس قىلدۇردى، ئۇ بىزنى ئوبدان چۈشىنىدىكەن. مۇھىم خەۋەرلەر بېتىنىڭ مەسئۇلىيىتى زور، بۇرچى شەرەپلىك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز، بىز چوقۇم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىپ، بەتنى بارغانچە ئوبدان باشقۇرىمىز.

  ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش رايونىدا تۇرۇۋاتقان خەلقئارا بۆلۈم غەربى ئاسىيا ئافرىقا تەھرىرلەر ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇل مۇھەررىرى جياۋ شياڭ باش شۇجى ئوتتۇرىغا قويغان ئاخبارات جامائەت پىكىرى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە ھالقىلىرىدا توغرا جامائەت پىكىرى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك دېگەن سۆزدىن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ مۇنداق دېدى: چەتئەلدە تۇرۇش تارىخىم ماڭا شۇنى ئۇقتۇردىكى خەلقئارا خەۋەرلەردىمۇ يۆنىلىشنى تەكىتلەش كېرەك. مۇشۇ ئاساستا جۇڭگو ھېكايىسىنى يەنىمۇ ئوبدان سۆزلەپ، جۇڭگو ساداسىنى ئوبدان تارقىتىمىز.

  مەيلى ئەنئەنىۋىي تاراتقۇلار بولسۇن، ياكى يېڭىدىن گۈللەۋاتقان تاراتقۇلار بولسۇن، پارتىيەنىڭ خەۋەرچىسى بولۇشتىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرۇچ يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىككە كەلگەن، بۇ خەلق گېزىتىنىڭ ئاساسى، خەلق گېزىتىنىڭ روھى. يېڭى تاراتقۇ مەركىزى تېرمىنال مەشغۇلات ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى لىيۇ شياۋپېڭ مۇنداق دېدى: تاراتقۇ كەسپىدىكى يېڭى ئەھۋال ئالدىدا، بىز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئۇنتۇماي، ئېتىقادىمىزنى چىڭىتساقلا، ئاندىن يۇغۇرۇلما تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە يولىنى ئىگىلىيەلەيمىز.

  باش شۇجى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، خەلق گېزىتىنىڭ مىكرو بىلوگى "باش شۇجى ئارىمىزغا كەلدى" تېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنى ئوقۇغۇچىلار 63 مىليون 889 مىڭغا، مۇنازىرە 50 مىڭ پارچىغا يەتتى. پائالىيەتكە قاتناشقۇچى ۋە خاتىرىلىگۈچى بولغان يېڭى تاراتقۇ مەركىزى مىكرو بىلوگ مەشغۇلات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇل مۇھەررىرى مىياۋ مىياۋ مۇنداق دېدى: يېڭى تاراتقۇ تېز خەۋەر بېرىش بىلەن بىرگە، ئىنتېرنېتنىڭ يەڭگىلتەكلىكىنى يېڭىپ، كىشىلەر قەلبىگە سىڭىپ كىرىدىغان سالماق بولۇش كېرەك. باش شۇجىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى بىر قېتىملىق ئەڭ ياخشى كەسپىي يېتەكلەش بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر