باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

روسىيە قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق كىچىك سەييارىنى پاچاقلاپ تاشلىماقچى بولدى

ئامېرىكا ھوشيار تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2016.02.23 11:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيەدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىر راكېتا تەتقىقاتچىسىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، روسىيە بىر قىسىم قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان ترايېكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سنارەدنى ئۆزگەرتىپ، يەر شارىغا سوقۇلۇش ئېھتىمالى بولغان كىچىك سەييارىلەرنى يوقىتىشتا ئىشلىتىشنى پىلانلىغان. لېكىن ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى روسىيەنىڭ بۇ پىلانىغا ھوشيارلىقنى ساقلاپ، روسىيەنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئالەم ياراغلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

  ماركيېف راكېتا لايىھىلەش ئىدارىسىدىكى سابىت ساتىجالايېف تاسىس ئاخبارات ئاگېنتىلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا دىئامېتىرى 20مېتىردىن 50مېتىرغىچە بولغان كىچىك سەييارىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل كىچىك سەييارە غايەت زور زىيان پەيدا قىلالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇغى كىچىكرەك بولغانلىقتىن، بەزىدە يەر شارىغا يېتىپ كېلىشكە بىر نەچچە سائەت قالغاندىن كېيىن ئاندىن كۆزىتىش ئىستانسىسى تەرىپىدىن بايقىلىدۇ.

  ئەمما، بەزى ئەھۋالدا، بۇ خىل كىچىك سەييارىلەر قەتئىي بايقالمايدۇ. 2013-يىل، دىئامېتىرى تەخمىنەن 20مېتىر كېلىدىغان بىر كىچىك سەييارە روسىيەنىڭ چېليابىنسكىيا ئوبلاستى ھاۋا بوشلۇقىدا پارچىلىنىپ كەتكەن، ئۇنىڭ كۈچى 300مىڭ توننا tntغا تەڭ كېلىدىغان بولۇپ، مىڭدىن ئارتۇق كىشى تالاپەتكە ئۇچرىغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر