باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاھالىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى كۈچەپ ھەل قىلىندى شىنجاڭدىكى 55 مەھەللە مۇكاپاتلاندى

2016.02.22 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-فېۋرال، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى« 3-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان مەھەللە» دەپ بېكىتىلگەن بەش مەھەللە ۋە «ئاپتونوم رايونلۇق 2- تۈركۈمدىكى تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان يۇلتۇز دەرىجىلىك مەھەللە» دەپ بېكىتىلگەن 50 مەھەلىنى مۇكاپاتلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت دەرىجىلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان مەھەللىگە تاللانغان مەھەلىلەر ئۇدا ئۈچ يىل ئۆلكە (رايون، شەھەر) تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەھەللە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلگەندىن باشقا؛ ئۆلكىلىك (رايون، شەھەر) بېكىتىلگەن يۇلتۇز دەرىجىلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان مەھەللە، ھەمدە تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ ئۆلكە ( رايون، شەھەر) يۇلتۇز دەرىجىلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان مەھەللىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن يۇقىرى بولغان بۇ ئىككى ئاساسىي شەرتتىن سىرت، كەسپىي خىزمەت جەھەتتە تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەمگە يېتىشى لازىم.

  2015-يىلى، شىنجاڭ « 3- تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان مەھەللە» تىزىملىكىگە تاللانغان بەش مەھەللە ئايرىم-ئايرىم ھالدا: ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونى يىكەنكۆل جەنۇبىي يولى كوچا ئەنجۈ شىمالىي يولى مەھەللىسى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ماناس ناھىيىسى ماناس كەنت دوڭگۇەن مەھەللىسى، شىخەنزە شەھىرى قىزىلتاغ كوچا 24 - مەھەللە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بورچىن ناھىيىسىنىڭ مېيلىفېڭ مەھەللىسى، خوتەن ۋىلايىتى خوتەن شەھىرى گۈلباغ مەھەللە باشقارمىسى مۇغالمەيلى مەھەللىسى. بۇ بەش مەھەللە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.بۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى شىمالىي ئازادلىق يولى جيەنكاڭ يولى مەھەللىسى، پىچان ناھىيە پىچان بازىرى خوڭيەن مەھەللىسى، شىخەنزە شەھەرى شىياڭياڭ كوچىسى بىرىنچى مەھەللە قاتارلىق « ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2 - تۈركۈمدىكى تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان يۇلتۇز دەرىجىلىك مەھەللە»گە تاللانغان 50 مەھەللە ئايرىم-ئايرىم ھالدا بەش مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر