- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ كوماندىسى CBA يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى
پەسلىدىن كېيىنكى مۇسابىقىدىكى تۆت كۈچلۈك كوماندا بارلىققا كەلدى
2016.02.22 16:09 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-فېۋرال كەچتە، CBA (جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسى) پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى تولۇق ئاياقلاشتى، شىنجاڭ كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا 103:94 نەتىجە 3:1 ئومۇمىي نەتىجە بىلەن بېيجىڭ كوماندىسىنى يېڭىپ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.
ئىككى كۈن ئىلگىرى قارشى تەرەپ مەيدانىدا شىنجاڭ كوماندىسىنى يېڭىپ مۇسابىقە نۇقتىلىرىدا ئۆزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن قايتا ئۆز مەيدانىغا قايتىپ كەلگەن بېيجىڭ كوماندىسى مۇسابىقە باشلانغاندىن كېيىن ئالدىنقى مەيداندا ياخشىلىشىنى داۋاملاشتۇرالمىدى، ئەزالارنىڭ سەۋەنلىكى ئالدىنقى بىر مەيداندىكىدىن بىر قەدەر كۆپەيدى. شىنجاڭ كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا جاسارىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ ھۇجۇم قوزغاپ، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە 19 نومۇر پەرقى بىلەن ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر