باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سىنوۋدىن توردا، ئەگەر سوت ئادىل بولسا، ئامېرىكىغا قايتىشنى خالايدىغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈردى

2016.02.23 12:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ھۆددىگىرىنىڭ سابىق ياللانما خادىمى ئېدۋارد سنوۋدېن 20-كۈنى، ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئادىل سوت قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلسا، ئۇ ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇپ كېلىنىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  شۇ كۈنى سىنوۋدىن رۇسىيەدە تۇرۇپ، توردا ئامېرىكا يېڭى خامپىشىر شىتاتىدىكى قوللىغۇچىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. «مەن قىلغان ئىشلىرىم ئۈچۈن بىر مەيدان جامائەت مەنپەئىتىمنى ئاقلىيالايمەن، ئاندىن زاسېداتېللار ئۆمىكى قارار قىلسا بولىدۇ... ئامېرىكا مېنى روسىيەدە تۇرىدۇ، دەپ تەنقىد قىلىدۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار مېنى كەتكىلى قويمايدۇ»، دېدى ئۇ.

  سىنوۋدىن 2013-يىلى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ «پىرىزما» ناملىق ئوغرىلىقچە ئاڭلاش تۈرى مەخپىي ھۆججەتلىرىنى ئاشكارىلاپ، ئامېرىكىنىڭ زور كۆلەملىك ئوغرىلىقچە ئاڭلاش پائالىيىتىنى ئاشكارىلىۋېتىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى زىل-زىلىگە سالدى. ئارقىدىنلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى، شۇ يىلى 8 - ئايدا ، سنوۋدېن روسىيەدە ۋاقىتلىق پاناھلىنىش ئىجازىتىگە ئېرىشتى. 2013-يىل، ئامېرىكا جاسۇسلۇق جىنايىتى قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك ئېغىر جىنايەت بىلەن سىنوۋدىن ئۈستىدىن ئەرز قىلدى، سىنوۋدىن 30يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىش ئېھتىماللىقىقا دۇچ كەلدى. بۇلتۇر 7-ئايدا، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى ئېرك خولد، ئامېرىكا تەرەپنىڭ سىنوۋدىن بىلەن جىنايىتىنى تونۇش كېلىشىمى ھاسىل بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن بېشارەت بەردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر