باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا-سانائەت باش ئىدارىسى: شەخسىي تور دۇكىنىنى سودا-سانائەت بويىچە تىزىملاشقا مەجبۇرلانمايدۇ

2016.02.23 11:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئۈچ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغىلى ئىككى يىلدىن كۆپرەك بولدى، بازار ئىجازىتى شەرتىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشمۇ مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  تۈنۈگۈن ئېچىلغان گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلەت سودا سانائەت باش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاڭ ماۋ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا دۆلەتنىڭ كارخانا كىرېدىت ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش سىستېمىسى كېڭەيتىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، «مەملىكەت بويىچە بىر تور» قۇرۇپ چىقىلىدۇ؛ ھەمدە كارخانا ئىناۋىتىنى ئارىلاپ تەكشۈرگەندە، كومپىيوتېردا نومۇر ئېلىش ئارقىلىق كارخانىلار ئارىلاپ تەكشۈرۈلۈش، خادىملار ئارىلاپ تەكشۈرۈلۈشتەك «قوش تەكشۈرۈلۈش» قوللىنىلىدۇ، ھەر يىلى تەكشۈرۈلۈش نىسبىتى %3تىن تۆۋەن بولمايدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جاڭ ماۋ مۇنداق دېدى: شەخسىي تور دۇكىنىنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملىتىش مەجبۇرىي تەلەپ قىلىنمايدۇ، سودا-سانائەت تىزىملاش شەرتىنى ھازىرلىمىغان تور دۇكانلىرى مۇلازىمەت تەمىنلەيدىغان ئۈچىنچى تەرەپ سۇپىدا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تىزىملىتىشى كېرەك.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر