- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېز يوللانما مىقدارى بەش يىلدا 5.3 ھەسسە ئاشتى
2016.02.23 12:15 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇبارەك ئىسمائىلنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پوچتا ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، «12 - بەش يىل»دا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېز يوللانما كەسپى تېز تەرەققىي قىلىپ، تېز يوللانما مىقدارى ۋە كىرىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 5.3 ھەسسە ۋە 3.02 ھەسسە ئېشىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى % 39.57 ۋە %24.75 بولغان.
ئۇقۇشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېز يوللانما كەسپىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى بەش يىلدا 6000 ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان. 2015 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېز يوللانما مىقدارى 70 مىليون 506 مىڭ 900 پارچىگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %69.18؛ تېز يوللانما كىرىمى 1 مىليارد 293 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %20.45 ئاشقان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر