خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (چەرچەن مەدەنىيەت يۇرتىدىن پولات نىياز خەۋىرى) 2-ئاينىڭ 21-كۈنى چەرچەن ناھىيەسىدە دۇنيا «ئانا تىل كۈنى»نى دۇنيا «ئانا تىل كۈنى»نى خاتىرلەش ۋە 3-قېتىملىق «يىلتىز» ئانا تىل مۇكاپاتى تارقىتىش پائالىيىتى ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتكە مائارىپ-پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىرى ناھىيە تەۋەسىدىكى بارلىق ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ھەر ساھەدىكى بىر قىسىم زىيالىلار قاتناشتى.بۇ مۇكاپات 2014-يىلىدىن بۇيان مەرىپەتپەرۋەر تۇرسۇن ئەبەي ئەپەندىمنىڭ مەبلەغ چىقىرىشى، ناھىيەلىك مائارىپ- پەن_تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ يېقىندىن قوللىشى بىلەن تەسس قىلىنغان بولۇپ 9-يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپتىكى باشلانغۇچ مەكتەپتىن تۇلۇقسىز ئوتتورا مەكتەپكىچە بارلىق ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ئىچىدىن ئانا تىل ئوقۇتۇش نەتىنجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان مائارىپ سېپىدە ئۇزۇندىن بۇيان ئانا تىل ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىپ تۆھپىسى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغان9 نەپەر ئوقۇتقۇچىغا تارقتىلىدۇ، مۇكاپات سوممىسى ھەر بىر ئوقۇتقۇچىغا 1مىڭ يۈەن. دۇنيا«ئانا تىل كۈنى »نى خاتىرلەش ۋە 3-قېتىملىق «يىلتىز »ئانا تىل تۆھبە مۇكاپاتى تارقىتىش پائالىيىتىدە ئىززەتگۈل ئەخمەت قاتارلىق 9نەپەر «3-نۆۋەتلىك ئانا تىل ئوتۇشىدىكى مۇنەۋۋەر شەخىس»نامى بىلەن مۇكاپاتلاندى .
چەرچەن ناھىيەلىك مائارىپ- پەن-تېخنىكا ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى مۇزاكىرە قىلىپ، ناھيەلىك شىنخۇا كىتاپخانىسىنىڭ سابىق دېرىكتورى مەرىپەرپەرۋەر تۇرسۇن ئەبەي ئەپەندىنىڭ ماددى جەھەتتىكى قوللىشى بىلەن، يەنە ئىككى نەپەر مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچىلەر بىلەن بىرلىشىپ مەبلەغ چىقىرىپ ناھىيەلىك باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدىن 6-يىللىقىغىچە، ناھىيەلىك ئوتتورا مەكتەپنىڭ بارلىق تۇلۇقسىز قوش تىل سىنىپلىرى بولۇپ جەمى :57سىنىپقا ھەر ئايلىقى 441پارچە ژورنالغا، 2016-يىلى پۈتۈن يىللىق مۇشتىرى بولۇپ بەردى.بۇلار«تارىم غۇنچىلىرى»:171سان: «پەرۋاز»:171سان، «شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى»:99سان: بۇ پائالىيەت 2014-يىلدىن باشلاپ داۋاملىشىپ كېتىۋاتىدۇ. يەنە ئارمان دۇكىنىنىڭ خۇجايىنى ئەيساجان مىجىت يۇقارقى پائالىيەتلەرگە ئىزچىل قاتنىشىش بىلەن بىرگە2015-يىلى ناھىيەلىك باشلانغۇچ ، ناھىيەلىك ئوتتورا مەكتەپكە 4مىڭ يۈەن قىممىتىدە 60ژورنال جازىسى تەغدىم قىلدى
مەۋجۇتلىقمىزنىڭ ئاساسى بولغان ئانا تىلىمىز جان تىلىمىز ئۈچۈن قىلىنغان خەيرىلىك بۇ خىزمەتلەر ئۈزۈلۈپ قالماي داۋاملاشقۇسى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى