باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلدى

2016.02.19 13:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەن تەننەرخلىق، ئەتراپلىق، كەسىپلەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇش، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش، ئەمەلىي ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنىڭ سۈپەت-ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يول، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم تايانچى، گوۋۇيۈەن ئارقا-ئارقىدىن بىر قاتار مۇھىم قوللاش سىياسەت-تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، سىلىق تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ھالقىلىق رول ئوينىدى. مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھازىر بىر تۈركۈم يارقىن، يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە، ئالاھىدە ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقى بارلىققا كېلىپ، ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىم ئىستىھكامى ۋە يېڭىلىق ياراتقۇچى، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ يىغىلىش مەيدانىغا ئايلىنىپ، تەرەققىياتنىڭ ياخشى ۋەزىيىتى شەكىللەندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر