باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 خادىم»نىڭ ئىچىدىكى چاڭ جېڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىندى

جەمئىي 24 « قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان خادىم» قولغا ئېلىندى

2016.02.25 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى- مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى 24-فېۋرال ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 18-فېۋرال، مەركىزىي چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى خەلقئارا قاچقان جىنايەتچىلەرنى جىددىي قوغلاپ تۇتۇش ۋە زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشى ئارقىلىق، ئەڭ يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ ياردىمىدە، جۇڭگو بىلەن كانادانىڭ نەسىھەت قىلىپ ۋەتىنىگە قايتۇرۇپ كېلىش تەرتىپى ئارقىلىق، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن« قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 خادىم »نىڭ ئىچىدىكى 49-نومۇر چاڭ جېڭ ۋەتەنگە قايتىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلدى. بۇ قولغا ئېلىنغان 24-نەپەر « قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان خادىم» .

  چاڭ جېڭ، ئەر، 1969-يىلى 11-ئايدا تۇغۇلغان، ئۇ ئىلگىرى شېنجېن شەھىرى جۇڭگو نېفىت سايمانلىرى ئىمپورت-ئېكسپورت چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، خىيانەتچىلىك جىنايىتى بىلەن گۇمان قىلىنغان، 2011-يىلى 11-ئايدا كاناداغا قېچىپ كەتكەن، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى چىقارغان قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇق نومۇرى A-1171/2-2014.

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى قاچقان جىنايەتچىلەرنى جىددىي قوغلاپ تۇتۇش ئىشخانىسى بۇ دېلوغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ زور كۈچ بىلەن قوغلىدى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى چوڭقۇر، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ دەلىل- ئىسپات ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، كانادا بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئەدلىيە ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى. كۈچلۈك سىياسەت ۋە قانۇننىڭ ھەيۋىسى ئاستىدا، چاڭ جېڭ ئەڭ ئاخىرىدا ۋەتەنگە قايتىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر