سۆرەتتە: 2-ئاينىڭ 23-كۈنى، ۋاڭ ئەپەندى بىر ئائىلە كىشىلىرى ماشىنىدا شاڭخەي-شەنشى تېز يولىنىڭ خېنەن لوشەن بۆلىكىگە كەلگەندە ۋەقە يۈز بېرىپ يارىلانغان، بەختكە يارىشا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان تۆت يىگىت قۇتقۇزغان. (خەلق گېزىتى ئورگان مىكرولوگى سۆرەتلىرى)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-فېۋرال چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ، شوپۇر قاتناش ۋەقەسىدە يارىلىنىپ ھوشىدىن كەتكەن، 4نەپەر شىنجاڭلىق ياش قۇتقۇزىۋاتقان سىن ئۈندىدار، مىكرولوگدا كەڭ تارقالدى، نۇرغۇن تورداشلار بۇ سىننى تارقىتىپ، بۇ تۆت نەپەر شىنجاڭلىق ياشنى ئالقىشلىدى. تورداشلارنىڭ تارقىتىش سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، 25-فېۋرال خەلق گېزىتى ئورگان مىكرولوگىمۇ ياخشىلارنى ئىزدەش ھەققىدىكى بىر پارچە ئۇچۇرنى تارقاتتى: «23-فېۋرال ۋاڭ ئەپەندى بىر ئائىلە كىشىلىرى ماشېنىدا شاڭخەي-شەنشى تېز يولىنىڭ خېنەن لوشەن بۆلىكىگە كەلگەندە قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ يارىلاندى، بەختكە يارىشا بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان تۆت ياش يىگىت ئۇلارنى قۇتقۇزدى. ۋاڭ ئەپەندى ئۇلارنى تېپىپ، ئۆز ئاغزى بىلەن «رەھمەت» دېيىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ۋاڭ ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، بۇ تۆت ياش يىگىتنىڭ بوي ئېگىزلىكى 175سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، 26ياش ئەتراپىدىكى شىنجاڭلىقلار ئىكەن».
بۇ مىكرولوگ تارقىتىلىپ بەش مىنۇتتىلا تورداشلار 600يۈز قېتىمدىن كۆپرەك ئۇلاپ تارقاتتى، نۇرغۇن تورداشلار بەس-بەستە سۆز قالدۇرۇپ، ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنى بالدۇرراق تېپىشنى ئۈمىد قىلدى.
25-فېۋرال مۇخبىرنىڭ بۇ 56سىكونتلۇق سىندىن كۆرۈشىچە، خېنەن ئۆلكىسى لوشەن ناھىيەسى جۇگەن دەرياسى كۆۋرۈكى ئەتراپىدا بىر قارا رەڭلىك بىيادى پىكاپ يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ قالغان، ماشىنا ئىچىدىكى نەرسىلەر يولغا چېچىلىپ كەتكەن، يولنىڭ ئوڭ يېنىدا ئۈچ بالا يەردە ئولتۇرۇپ يىغلاۋاتقان ئىكەن.
يولدىن ئۆتۈۋاتقان نۇرغۇن شوپۇرلار ۋەقە يۈز بەرگەن نەقمەيدانغا بىر قاراپ قويۇپلا ئۆتۈپ كەتكەن، بىراق بۇ چاغدا قارا چاپان كېيگەن بىر ياش يىگىت يۈگرەپ بېرىپ ئۈچ بالىغا تەسەللىي بەرگەچ ئۇلارغا «قورقماڭلار، ھىچقىسى يوق» دېگەن، ئۇلار قۇيۇق شىنجاڭچە تەلەپپۇزدا سۆزلىگەن.
ئارقىدىن، ئۇ ۋەقەگە ئۇچرىغان ماشىنىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ماشىنىدا بىر ئەر، بىر ئايالنىڭ قاپسىلىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن ھەمدە: «سىلەرگە بىر ئىش بولمىغاندۇ؟ ماشىنا قانداق بولۇپ بۇنداق بولدى؟» ماشىنا ئىچىدىكى بىر ئەر قۇچىقىدىكى ھوشىدىن كەتكەن بىر ئايالنى كۆرسىتىپ: «ماڭا ھىچ ئىش بولمىدى، ئۇ يارىلاندى، بىزگە ياردەم قىلساڭلار!» بۇ ياش يىگىت ئۇلارغا تەسەللىي بەردى، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ھەمراھلىرىمۇ يېتىپ كەلدى.
يەنە بىر 38سىكونتلۇق سىندا، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى كەلگەندە بۇ تۆت يىگىتنىڭ قۇتقۇزۇش خادىملىرى بىلەن بىرگە يارىدارلارنى قۇتقۇزىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى.
24-فېۋرال مۇخبىر تېلېفوندا خېنەن ئۆلكىسى شىنياڭ شەھىرى لوشەن ناھىيەلىك تېز يول قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى بىلەن ئالاقىلاشتى. بۇ ئەترەتتىكى ۋەقە بۆلۈمىنىڭ بىر خادىمى مۇخبىرغا، 23-فېۋرال چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ ئەتراپىدا ئۇلار مەلۇمات تاپشۇرۇۋېلىپ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندە بۇ تۆت يىگىت يارىدارلارغا تەسەللىي بېرىۋاتقانلىقىنى، بىراق يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ بىرسىمۇ توختاپ ياردەم بەرمىگەنلىكىنى ئېيتتى.
بۇ خادىمنىڭ دېيىشىچە، بۇ تۆت يىگىت يول باشقۇرۇش تارماقلىرى، قاتناش ساقچىلىرى ۋە 120تېخى يېتىپ كەلمىگەندە ۋەقەگە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىشى ناھايىتى ياخشى ئىش بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ھەيدىگىنى نومۇر تاختىسى يوق بىر يېڭى ماشىنا بولغاچ، ماشىنا ئىگىسىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىنچە تەكشۈرۈشكە ئامالسىز بولغان.
مۇخبىر قاتناش ساقچىلىرى تەمىنلىگەن تېلېفون نومۇرى ئارقىلىق ۋەقە چىققان ماشىنا ئىگىسى ۋاڭ جىگاڭ بىلەن ئالاقىلاشتى. ۋاڭ ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، شۇ كۈنى ئۇلار خېنەندىكى تۇغقانلىرىنى يوقلاپ بولۇپ ماشىنىلىق ئىچكى موڭغۇلغا قايتىش ئۈچۈن، جۇگەن دەريا كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈۋاتقاندا ماشىنا سىلكىنىشكە باشلاپ، كونترول قىلغىلى بولماي، تۇيۇقسىز ئۆرۈلۈپ كەتكەن، ماشىنىدىكى ئۈچ بالا كۆۋرۈك يېنىغا قاڭقىپ چىقىپ كەتكەن، ماشىنا ھەيدىگە ئايالىنى رولغا ئۈسۈۋېلىپ، ئازراق قان چىقىپ ھەمدە ھوشىدىن كەتكەن، ئۆزى ماشىنىدا قاپسىلىپ قېلىپ مىدىرلىيالمىغان، ئۇ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ماشىنىلاردىن يۇقىرى ئاۋازدا ياردەم سورىغان بولسىمۇ، بىرمۇ ماشىنا توختىمىغان.
بۇ چاغدا تۆت يىگىت توختاپ ۋەقە مەلۇم قىلغان ھەمدە ئۇلارغا سۇ بەرگەن. ۋاڭ ئەپەندى ناھايىتى تەسىرلەنگەن ھالدا، قۇتقۇزۇش ماشىنىسى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ تۆت يىگىت ئاندىن ئايرىلدى، ئېسىمدە قېلىشىچە ئۇلار بىر ئاۋدى ماشىنا ھەيدىگەن بولۇپ، مېنىڭ ماشىنام بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە ماڭغان، مەن ئىچكى موڭغۇلغا قايتماقچىتىم، ئۇلار شىنجاڭغا قايتقان بولۇشى مۇمكىن، دېدى.
ئىگىلىنىشىچە، ۋاڭ ئەپەندىنىڭ ئايالى ۋە ئۈچ بالا خەتەرلىك ئەھۋالدىن ئۆتۈپ كەتكەن.
ۋاڭ ئەپەندى، ئەينى چاغدا ئەھۋال جىددىي بولغانلىقتىن، شىنجاڭلىق تۆت يىگىتنىڭ تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرىۋالالمىغان، ئۇلارنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلەلمەي قالغان، ئۇلارنى تېپىپ يۈزتۇرانە تۇرۇپ رەھمەت ئېيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئارقىدىن مۇخبىر شۇ كۈنى قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان لوشەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى تاشقىي بىرىنچى بۆلۈمدىكى لى دوختۇر بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلاشتى. لى دوختۇر، قۇتقۇزۇش ماشىنىسى يېتىپ كەلگەندە بۇ تۆت يىگىت ئۇلار بىلەن بىللە يارىدارلارنى يۆتكىشىپ بەردى، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا ئېلىپ چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئاندىن ئايرىلدى. ئۇلارنىڭ گەۋدىسى يوغان، شىنجاڭ تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدۇ، يېشى تەخمىنەن 26دىن 28ياشقىچە، دېدى.
مۇخبىر مىكرولوگ، ئۈندىداردا بۇ ئىككى سىننى تورداشلارنىڭ نەچچە يۈز قېتىم تارقاتقانلىقىنى، باھالارنىڭ بىرەر تۈزدىن ئاشىدىغانلىقىنى، ماختاشتىن باشقا كۆپچىلىك بۇ شىنجاڭلىق تۆت يىگىتنى تېزراق تېپىشنى ئۈمىد قىلغانلىقىنى كۆردى. مۇخبىر ھەرقايسى چوڭ تور بېكەتلەر، مىكرولوگلاردا بۇ تۆت شىنجاڭلىق يىگىتنى ئىزدەپ سۆز قالدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ھىچقانداق نەتىجە بولمىدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى