- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو كارخانىسى ئاۋسترالىيەدىكى ئەڭ چوڭ سۈتچىلىك شىركىتىنى سېتىۋالىدۇ
2016.02.24 16:33 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئاۋسترالىيە دۆلەت خەزىنە مىنىستىرى سىكوت موررىسون 23-فېۋرال ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگودىكى خۇسۇسىي مەبلەغ شىركىتى ئايكۆلنىڭ تاسمانىيە زېمىن شىركىتىنى سېتىۋېلىش ئىلتىماسىنى تەستىقلىغانلىقىنى جاكارلىغان. تاسمانىيە زېمىن شىركىتى بولسا ئاۋسترالىيەدىكى ئەڭ چوڭ سۈتچىلىك شىركىتى ۋاندېمېن زېمىن شىركىتىنىڭ ئىگىدارى.
ئايكۆل مەبلەغ شىركىتىنىڭ ئىگىدارى لۇ شيەنفېڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاسمانىيە زېمىن شىركىتىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، مۇدىرىيەت ۋە باشقۇرۇش قاتلىمىغا نىسبەتەن دەرھال تەڭشەش ئېلىپ بېرىلمايدىكەن، شۇنداقلا تاسمانىيەدە تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، يەرلىك ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر