باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون يولغا قويۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى كېڭەيتىش، ئىشلىتىشنى تېزلەتتى

2016.02.24 14:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى تەييارلىغان «ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى كېڭەيتىش، ئىشلىتىشنى تېزلىتىشكە دائىر يولغا قويۇش پىكرى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېكىتىدە 17 - فېۋرال «<شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى كېڭەيتىش، ئىشلىتىشنى تېزلىتىشكە دائىر يولغا قويۇش پىكرى>نى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە «پىكىر» دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى) ئېلان قىلىندى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىلدىن باشلاپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىن ئۈچتىن بەشكىچە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان شەھەر - بازارلارنى تاللاپ بېكىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى كېڭەيتىش، ئىشلىتىشنى قانات يايدۇرىدۇ، ئاپتونوم رايوندىكى ئاممىۋى ئاپپاراتلار ۋە كەسپىي ئورۇنلار سېتىۋالغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ شۇ يىلى يېڭىدىن سەپلىنىدىغان ئاپتوموبىللار ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %10تىن تۆۋەن بولمايدۇ، كېيىن يىلسېرى ئىشلىتىش كۆلىمى كېڭەيتىلىدۇ. 2020 - يىلىغا بارغاندا نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى كېڭەيتىش، ئىشلىتىش بەلگىلىك كۆلەمگە يەتكۈزۈلۈپ، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ياكى يېڭىلانغان ئاپتوموبىللار ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ نىسبىتى %50تىن تۆۋەن بولمايدۇ، ئاممىۋى ئاپپاراتلار ۋە كەسپىي ئورۇنلار سېتىۋالغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ شۇ يىلى سەپلەنگەن، يېڭىلانغان ئاپتوموبىللار ئىچىدە ئىگىلەيدىغان نىسبىتى %30تىن تۆۋەن بولمايدۇ.

   «پىكىر»دە يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ۋىلايەت، ئوبلاستلار يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى زەرەتلەش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تورلاشتۇرۇشى، تور نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان شەھەر - بازارلاردىكى ئاساسلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت سورۇنلىرى، ئاپتوموبىللار توپلاشقان رايونلار، تاۋار ئۆي مەھەللىلىرى ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مۇلازىمەت رايونلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىشى، زەرەتلەش پونكىتى بىلەن ئېلېكتىر باتارىيەسىنى ئالماشتۇرۇش پونكىتى، تېز زەرەتلەش بىلەن ئاستا زەرەتلەشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. ئاپتوموبىل ئىشلىتىدىغانلارنىڭ تۇرالغۇسى، تۇرالغۇسىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدا زەرەتلەش ئەسلىھەسىنى سەپلەشنى ئاساس، شەھەرلەردىكى ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىشىش ئورۇنلىرى، يول ئىچىدىكى ۋاقىتلىق ئاپتوموبىل توختىتىش ئورۇنلىرىدا زەرەتلەش ئەسلىھەسى سەپلەشنى قوشۇمچە، شەھەرلەردىكى زەرەتلەش مۇنارى، تارقاق زەرەتلەش تۈۋرۈكى، زەرەتلەش پونكىتى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق زەرەتلەش تۈۋرۈكى، ئېلېكتىر باتارىيەسىنى ئالماشتۇرۇش پونكىتىنى تولۇقلىما قىلغان، مىقدارى مۇۋاپىق ئالدىدا تۇرغان، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق بولغان زەرەتلەش ئەسلىھەلىرى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مۇلازىمەت رايونلىرىدا تېز زەرەتلەش ئەسلىھەلىرىنى سەپلەپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول شەھەرلەر ئارا تېز زەرەتلەش تورىنى پائال بەرپا قىلىشى كېرەك. شارائىتى ھازىرلانغان ئورۇنلار يېڭىدىن ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ياسىغاندا ياكى ئۆزگەرتىپ ياسىغاندا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا بىرلەشتۈرۈپ يېڭىلاش پىلانىنى تۈزۈپ، نىسبىتى %10 تىن تۆۋەن بولمىغان ھالدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى مەخسۇس توختىتىش ئورنى، زەرەتلەش تۈۋرۈكى سەپلەشنى پىلانلاپ تەسىس قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر