باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت ئىلمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2016.02.24 15:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئىجتىمائىي كاپالەت ئىلىمىي جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن 2-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت ئىلمىي يىغىنى 20-فېۋرال بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەتلىك مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئېلىمىزدىكى ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار «تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى قۇرۇلۇشى»نى مۇھاكىمە قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن چىدې سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىجتىمائىي كاپالەت خەلقنىڭ جانى-جان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئىجتىمائىي كاپالەتنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە جەمئىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، تېخىمۇ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش نۇقتىئىنەزىرىنى يېتەكچى ئىدىيە قىلىشنى تېزدىن ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈزۈمنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي كاپالەت ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جېڭ گوڭچېڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ئىسلاھاتى ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىدا تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش نۇقتىئىنەزىرىنى تۈپ يېتەكچى ئىدىيە قىلىش ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىجتىمائىي كاپالەتنى تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتىكى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي كاپالەتتە تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرگەندە چوقۇم ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش، ئادىل ھەقىقىي بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر