- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونىمىز «13 - بەش يىل»دا يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 11 مىليون ئادەم/قېتىمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ
2016.02.24 14:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 11 مىليون ئادەم/قېتىمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.
ئۇقۇشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، 2015 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە دېھقان ئىشلەمچىلەردىن 2 مىليون 18 مىڭ ئادەم/قېتىمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. بۇنىڭ بىلەن بۇ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلانغان. ئاپتونوم رايونىمىز «13 - بەش يىل»دا يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 3 مىليون ئادەم/قېتىمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن تەربىيەلەشنى پىلانلىغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر