باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

3-تۈركۈمدىكى ئەركىن سودا سىناق رايونى دەسلەپكى قەدەمدە بارلىققا كېلىدىكەن

2016.02.24 15:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا كەسىپ ساھەسىدىكى ئەربابلاردىن ئۇقۇشىچە، بىر مەھەل تاللاش ئارقىلىق 3-تۈركۈمدىكى ئەركىن سودا سىناق رايونى دەسلەپكى قەدەمدە بارلىققا كەلگەن، سانى 5تىن 8گىچە بولىدىكەن، ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى دېڭىز بويىدىكى رايونلاردا قۇرۇلىدىكەن، ئەڭ تېز بولغاندا ئىككى يىغىندىن كېيىن تەستىقلىنىدىكەن.

  ئىلگىرى تەسىس قىلىنغان شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن، تيەنجىن ئەركىن سودا سىناق رايونىغا سېلىشتۇرغاندا، ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى ئەركىن سودا سىناق رايونى يېڭى ئىزدىنىش بۇرچىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، 3-تۈركۈمدىكى ئەركىن سودا سىناق رايونىدا مۇنداق ئىككى تەرەپتىكى ۋەزىپىلەر نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈلىدىكەن: 1-، بىر بەلباغ بىر يول قاتارلىق دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەسى تېخىمۇ زىچ جىپسىلاشتۇرۇلىدىكەن، ئەركىن سودا سىناق رايونى بىر بەلباغ بىر يولدىكى دۆلەت ئىچىدىكى مۇھىم ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتىلىدىكەن؛ 2-، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىنىڭ تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش يېڭى دولقۇنىغا يېتەكچىلىك قىلىنىدىكەن.

  بۇ يىل يەرلىكنىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى ئىلتىماس قىلىش قىزغىنلىقى ئالاھىدە يۇقىرى بولدى. مۇخبىر ئاشكارىلانغان ماتېرىياللارنى رەتلەش ئارقىلىق شۇنى بايقىدىكى، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، چىڭخەي، جىلىن، بېيجىڭ، سەنشى، شىزاڭ، خېبېيدىن باشقا 21 ئۆلكە ئاپتونوم رايون مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش ئىلتىماسى سۇنغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر