باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل مېۋە - چىۋە، كۆكتاتلارنى ئىسسىق شامالدا قاقلاپ قۇرۇتۇش ئۆيىدىن 3500نى سالىدۇ

2016.02.24 14:41         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئېچىلغان 2016 - يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش خىزمەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز مىقياسىدا مېۋە - چىۋە، كۆكتاتلارنى ئىسسىق شامالدا قاقلاپ قۇرۇتۇش ئۆيىدىن 3500 نى، 50 توننىلىق قۇراشتۇرما شەكىلدىكى سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىدىن 2000 نى سېلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

  بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دەسلەپكى پىششىقلاشقا ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياردەم پۇلى مەبلىغىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، رايون ۋە سورت دائىرىسىنى يولغا قويۇپ، مېۋە - چىۋە، كۆكتاتلارنى ئىسسىق شامالدا قاقلاپ قۇرۇتۇش ئۆيى سېلىشنى ئاپتونوم رايون مىقياسىدا كېڭەيتىپ، بۇ يىل سېلىنىدىغان مېۋە - چىۋە، كۆكتاتلارنى ئىسسىق شامالدا قاقلاپ قۇرۇتۇش ئۆيىنىڭ كۈندىلىك قاقلاپ قۇرۇتۇش ئىقتىدارىنى 9000 توننىغا، يېڭى پېتى ساقلاش ئىقتىدارىنى 100 مىڭ توننىغا يەتكۈزىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نۇرمەمەت تۇنىياز تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مېۋە - چىۋە، كۆكتاتلارنى ئىسسىق شامالدا قاقلاپ قۇرۇتۇش ئۆيى ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جايدا دەسلەپكى پىششىقلاشنى يولغا قويۇشتىكى ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تۈرى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشى، دېھقانچىلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىز بۇلتۇر يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئاجراتقان 65 مىليون يۈەن تۈر مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جايدا دەسلەپكى پىششىقلاش، يۆلەش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، ئورمانچىلىق، مالىيەدىكى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەبلەغنى تەرتىپكە سېلىشتا يېڭىلىق ياراتتى، جەمئىي 430 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا مېۋە - چىۋە، كۆكتاتلارنى ئىسسىق شامالدا قاقلاپ قۇرۇتۇش ئۆيىدىن 3000 نى، سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىدىن 1000 نى، شىمالىي شىنجاڭدىكى سىناق نۇقتىلاردا قاقلاپ قۇرۇتۇش ئۆيىدىن 377 نى، سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىدىن 101 نى سالدى. تۈر رايونى ئاپتونوم رايوندىكى 39 ناھىيەگە كېڭىيىپ، يېزىلاردىكى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئارتۇق ئەمگەكچى 166 مىڭدىن، تۈرتكە بولغان ئائىلىلەر 170 مىڭدىن ئېشىپ، دېھقانلارنىڭ ئىش ھەققى خاراكتېرىدىكى كىرىمى 1 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، دېھقان -چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشقا يېتەكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر