- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش 2 - لىنىيەسى 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ مەخسۇس قۇرۇلۇش فوندى ياردىمىگە ئېرىشتى
2016.02.24 14:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش 2 - لىنىيەسىنىڭ 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ 2016 - يىللىق 1 - تۈركۈمدىكى مەخسۇس قۇرۇلۇش فوندى ياردىمىگە ئېرىشتى، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ قۇرۇلۇشقا 16 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىم قۇرۇلۇشقا 500 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى بېرىلىدىكەن. ھازىرغىچە، رېلىسلىق قاتناش 2 - لىنىيەسىنىڭ 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشىغا دۆلەت مەخسۇس قۇرۇلۇش فوندىدىن 1 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن قۇرۇلۇشقا مەبلەغ يېتىشمەسلىك قىيىنچىلىقى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ئاساس سېلىنىپتۇ.
نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسلاھات - تەرەققىيات كومىتېتى ئىلتىماس قىلىش تەلىپىگە ئاساسەن، نۇقتىلىق تۈرلەرنى رەتلەپ چىقىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تېخىمۇ كۆپ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ دۆلەت مەخسۇس قۇرۇلۇش فوندى ياردىمىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋېتىپتۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر