باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كارخانىلارنى رۈيخەتتىن ئۆچۈرۈشنى ئاددىلاشتۇرۇش سىنىقى داۋاملىق كېڭەيتىلىدۇ

2016.02.24 15:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ ماۋ 22-فېۋرال گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىش- بۇ يىلقى تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ بەش چوڭ ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى، قىسمەن موردا كارخانىلار ئېنىقلىنىپ چېكىندۈرۈلىدۇ. سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش باش ئىدارىسى كارخانىلارنى رۈيخەتتىن ئۆچۈرۈشنى ئاددىلاشتۇرۇش سىنىقىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، بازاردىن چېكىنگەن كارخانىلارغا تېزدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتى بېجىرىپ بېرىدۇ.

  سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم كارخانىلار- بازارغا كېرىش ئاسانلاشتى، ئەمما بازاردىن چېكىنىش يەنىلا ناھايىتى ئاۋارىچىلىق دەپ ئىنكاس قىلدى.

  سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش باش ئىدارىسى 2015-يىلى شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونى، جياڭسۇ يەنچىڭ، جېجياڭ نىڭبۇ، شىنجىن قاتارلىق جايلارنى تاللاپ، بەزى تىجارەت باشلىمىغان كارخانا، ھەقدارلىق قەرىزە بولمىغان كارخانىلارنى «رۈيخەتتىن ئۆچۈرۈشنى ئاددىيلاشتۇرۇش» ئىسلاھات سىنىقى قىلىپ، كارخانىلارنىڭ رۈيخەتتىن ئۆچۈرۈلۈش تەرتىپىنى كەڭ كۆلەمدە ئاددىيلاشتۇردى. شۈ يىلى مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 1800كارخانا رويخەتتىن ئۆچۈرۈلدى. جاڭ ماۋ تونۇشتۇرۇپ: بۇ يىل سىناق داۋاملىق كېڭەيتىلىپ، «رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى ئاددىيلاشتۇرۇش» ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ، دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر