باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆتكەن يىلى ئېلىمىزدە 1300 دىن ئارتۇق كىشى مۇھىتنى بۇلغاش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى

2016.02.29 14:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 27-فېۋرال: ئۆتكەن يىلىنىڭ باشلىرىدا مۇھىت بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى ۋە يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتىنى مەخسۇس دېلو تۇرغۇزۇپ نازارەت قىلىش ھەرىكىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، تاراتقۇلار دىققەت قىلىۋاتقان، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈم دېلولارنىڭ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2015-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە 7481 كىشى دەل-دەرەخلەرنى ئوغۇرلۇقچە كېسىش، قالايمىقان كېسىش، دېھقانچىلىق يەرلىرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش، مۇھىتنى بۇلغاش قاتارلىق جىنايى ئىشلار جىنايىتى بىلەن تەپتىش ئورگانلىرى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە مۇھىت بۇلغاش دېلوسىدىكى جىنايەت گۇماندارى 1340 كىشى. ئالىي خەلق تەتپىش مەھكىمىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تەڭرى قۇملۇقىنى بۇلغاش يۈرۈشلۈك دېلوسىنى بىرلىكتە تەپتىش قىلغان. تاراتقۇلار دىققەت قىلىۋاتقان، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان دېلولار بىر تەرەپ قىلىنغان. مەلۇماتقا قارىغاندا، 2015-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش تۈرىدىكى دېلولاردا 5630 كىشى قولغا ئېلىنغان، 11283 كىشى ئەيىبلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ساھەدە 1905 كىشى خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش سەۋەبلىك تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان. ئالىي خەلق تەتپىش مەھكىمىسى، يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىشخانىسى «يېمەكلىك، دورا مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى ۋە جىنايى ئىشلار ئەدلىيەسىنى ئۇلاشتۇرۇش خىزمىتى چارىسى» نى بىرلىكتە ئېلان قىلىپ، ئۇزاقتىن بۇيان مەۋجۇت بولىۋاتقان «يىپ ئۇچىنى بايقاش قىيىن بولۇش، دېلو تۇرغۇزۇپ نازارەت قىلىش قىيىن بولۇش، نازارەت قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش قىيىن بولۇش» مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، دېلونى ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىك، جازانىڭ ئورنىغا جەرىمانە قويۇش مەسىلىسىنىڭ ئالدىنى ئالغان ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر