باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران پارلامېتى ۋە مۇتەخەسسىسلەر يىغىنى سايلىمىغا بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشتى

2016.02.29 14:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىران يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنت ۋە مۇتەخەسسىسلەر يىغىنى سايلىمىغا بېلەت تاشلاش شۇ يەر ۋاقتى 26-فېۋرال سائەت 23تە ئاخىرلاشتى.

  شۇ كۈنى سەھەر سائەت 8دە ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي داھىيسى ھۈمەينى بېلەت تاشلىدى، بۇ سايلامغا بېلەت تاشلاشنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى. سايلام ئەسلىدە شۇ كۈنى سائەت 18دە ئاخىرلىشىش بېكىتىلگەن بولۇپ، بېلەت تاشلىغۇچىلار سانىنىڭ مۆلچەردىن ئېشىپ كېتىشى سەۋەبلىك، بېلەت تاشلاش ئاخىرلىشىش ۋاقتى 5 قېتىم ئۆزگەرتىلدى، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مۆلچەرىدە بۇ قېتىمقى سايلامغا بېلەت تاشلاش نىسبىتى %70تىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.

  ئىران ئىسلام يىغىنى ئىراننىڭ ئەڭ يۇقىرى دۆلەتلىك قانۇن تۈزۈش ئورگىنى بولۇپ، بىر مەھكىمە تۈزۈمى قوللىنىلىدۇ. پارلامېنت قارالمىلارنى قاراپ چىقىش، خامچوت-راسچوتلارنى ماقۇللاشقا مەسئۇل بولۇپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى نازارەت قىلىش، مىنىستىرلارغا ئىشەنمەسلىك بېلىتى تاشلاش، زوڭتوڭنى ئەيىپلاش قاتارلىق ھوقۇقى بار. بىراق پارلامېنت ماقۇللىغان قانۇنلار ئاساسىي قانۇننى نازارەت قىلىش قىلىش كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

  ئىران مۇتەخەسسىسلەر يىغىنى ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي داھىيسىنى سايلاش، نازارەت قىلىش ۋە بىكار قىلىشقا مەسئۇل ئەڭ يۇقىرى ھوقۇقلۇق ئورگان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر يىغىنى سايلىمى ھەر 8 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئەزالىرى سايلىغۇچىلارنىڭ ھەر قايسى ئۆلكە-شەھەرلەردىكى نوپۇس نىسبىتىگە ئاساسەن دىنىي قانۇنشۇناسلار ئىچىدىن سايلاپ چىقىلىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر