باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ‹‹باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى چۈشۈردى

2016.02.29 14:09         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى يېقىندا ‹‹باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليۇرۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى چۈشۈردى.

  ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ ‹‹پارتكومنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى›› دېگەن ئەسىرىنى ئۆگىنىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا) رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنىڭ بۇ ئەسەرنى قايتا ئۆگىنىشىنى تەلەپ قىلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى تولۇق چۈشىنىپ، ‹‹پارتكومنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى››نى ئۆگىنىشنى ‹‹پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيەنىڭ قائىدە – نىزاملىرىنى، بىر قاتار سۆزلەرنى ئۆگىنىپ، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزالىرىدىن بولۇش›› تېمىسىدىكى ئۆگىنىش – تەربىيەنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئىلمىي خىزمەت ئۇسۇلى ۋە رەھبەرلىك سەنئىتىنى ئۆگىنىشى ۋە ئىگىلىشى، ‹‹پارتكومنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى››دىكى سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىلەرنى ئۆگىنىشى، ‹‹پارتكومنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى››نىڭ ئاساسىي ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىگىلەپ، رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جايلاردىكى كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت نىزامى››، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتى خىزمەت نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)››نى ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىشتىكى ئاڭلىقلىقنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈشنى، باش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى سىياسىي ۋە تەشكىلىي جەھەتتە كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر