باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم سىياسەت ۋە تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياشانغانلار كۆپىيىش مەسىلىسىگە ۋاقتىدا، ئىلمىي، ئۇنىۋېرسال تاقابىل تۇرۇش كېرەك

شى جىنپىڭ ياشانغانلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

2016.02.29 13:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ياشانغانلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى، ياشانغانلار كۆپىيىش مەسىلىسىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى ۋە مىليونلىغان خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، كەلگۈسىنى كۆزلەپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، پەرزەنتلىك بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كۈتۈنۈش قاتارلىق مۇھىم سىياسەت ۋە تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋاقتىدا، ئىلمىي، ئۇنىۋېرسال تاقابىل تۇرۇش كېرەك. بۇ ئىشنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈپ، ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدە چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، ياشانغانلار كۆپىيىش مەسىلىسىگە ئىلمىي تاقابىل تۇرۇشنى چۆرىدەپ، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار سىياسەت خاراكتېرلىك تەكلىپلەرنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشنى تەكىتلىدى.

  مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 18 – قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى 23 – فېۋرال بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت كومىسسارى، مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك، ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار فۇنكسىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئورۇنداپ، ۋاقىت جەدۋىلى، لىنىيە خەرىتىسى ۋە مەسئۇلىيەتنامىنى ئېنىق ئورۇندىشى كېرەك. ھەر كىم ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، ھەمكارلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، خىزمەتلەرنى ئىنچىكە ۋە ئەمەلىي ئىشلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى سۈپەت، مىقدار، ۋاقىت بويىچە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ياشانغانلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى كۆزلەپ، ياشانغانلارنى كۆرەلەيدىغان، تۇتالايدىغان ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر