- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىنى ئېچىش ھەققىدىكى قارار
2016.02.29 14:34 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
28-فېۋرال سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14-سانلىق يىغىنىدا « جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەلتىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىنى ئېچىش ھەققىدىكى قارار» ماقۇللاندى.
قاراردا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو خەلق سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى 3-مارت بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ، يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىسى مۇنداق: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە سىايسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى ھەققدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ۋە ئۇنىڭغا قاراپ چىقىش، جۇڭخۇا خەلق جۇمھىرىيىتى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى ۋە باشقا ئالاقىدار دوكلاتلارنى ئاڭلاپ ۋە مۇزاكىرە قىلىپ، خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 13 -بەش يىللىق پىلان پروگرامما لايىھەسىنى، خەيرى ساخاۋەت قانۇنى لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىش.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر