باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ چىفاڭجى سەنئەتكارلىرى سەنئەتنى بايلىققا ئايلاندۇردى

2016.02.29 14:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلەيدىغان شەن شيۇمېي نەچچە يۈز كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىسىدىكى بىر چىۋەر قىزغا ئۈندىداردا گەپ قىلىۋاتاتتى.

  شەن شيۇمېي جۇڭگو ھۈنەر-سەنئەت ئۇستىسى، شىنجاڭ چىفاڭجى ئىجادىيەت كەسىپ باغچىسىنىڭ داڭلىق سەنئەتكارى. ئۇنىڭ رەخت بىلەن لايىھىلىگەن «12 مۇقام»، «ساتىراش»، «ئۇدۇنغا مۇھەببەت» قاتارلىق ئەسەرلىرى دۆلەت مۇزېيىدا ساقلاشقا تاللانغان. «شىنجاڭ پەرزەنتلىرى» ناملىق يۈرۈشلۈك رەخت سەنئەت مەھسۇلاتلىرىمۇ شىنجاڭ ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرى ئىچىدىكى داڭلىق ماركىغا ئايلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئون نەچچە شەھەردە سېتىلماقتا. يىراق يېزىدىكى ئاياللار بىلەن بۇ ئايال سەنئەتكارنى زادى قايسى ئىش بىر رىشتىگە باغلىدى؟

  بۇ گەپنى 2015-يىلى ئەتىيازدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئاپتونوم رايوندىن كەنتكە چۈشكەن كادىر رابىيە ھۈسەن شەن شيۇمېينى ئىزدەپ، كەنتتىكى ئاياللارنى قول ھۈنەرۋەنچىلىك كوپىراتىپى قۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ، بۇ ھۈنەر-سەنئەت ئۇستازىنى كەنتكە بېرىپ ئاياللارغا ئۇستاز بولۇشقا تەكلىپ قىلدى.

  قەشقەر ۋىلايىتى كونىشەھەر ناھىيەسى سايباغ يېزىسى قازاقلار كەنتىدىكى تۇنجى ئوچۇق دەرس شەن شيۇمېيدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، ئىش-كۈشلىرىنى تۈگىتىپ كەلگەن 200 نەچچە ئايال دەرس ئاڭلىدى. شەن شيۇمېي يىپ-يىڭنىنى قولىغا ئېلىپ، ئۇيغۇرچە «يىپ-يىڭنە ئىشىنى بىلىدىغانلارلا بولسا، مەن ئۇلارغا قول ھۈنىرىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇشنى ئۆگىتىمەن» دېدى. بۇ سۆز بىردىنلا كۆپچىلىكنى روھلاندۇردى.

  شەن شيۇمېي مۇنداق دېدى: ھازىر يەتتە قىز ئەتراپىدىكى يۈزدىن ئارتۇق ئايالنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى ئۆگىنىشكە تۈرتكە بولدى، بۇ يىل يەنە كەنتكە بارىمەن. ئاساسىي قاتلامدا قېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ھۈنەر-سەنئەت بايلىقى بار. مەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ھۈنەر-سەنئەتلەرنى قېزىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھۈنەر-سەنئەتلەرنى نامايان قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۆز ئارا نەپ ئالىمىز. بىر بەلباغ، بىر يول دەۋرى يېتىپ كەلدى. مەن بۇندىن كېيىن سىرتلاردىنمۇ زاكاز كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، شۇ چاغدا بۇ چىۋەر قىزلارنىڭ ھۈنىرى ئەڭ چوڭ بايلىققا ئايلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر