باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پارتكومنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىرى شىيې خۇي ئېغىر دەرىجىدە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيىدىن قوغلاش ۋە خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى

2016.02.29 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پارتكومنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىرى شىيې خۇينىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈلۈشىچە، شيې خۇي سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق قىلىپ، تەشكىلنى ساختا ئەھۋال بىلەن تەمىنلەپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان ئىشلىرىنى يوشۇرغان. تەشكىلىي ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، مۇھىم ئىشلارنى ئۆز ئالدىغا قارار قىلىپ، ئۆزىگە ئالاقىدار ئىشلارنى مەلۇم قىلماي يوشۇرغان، كادىرلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۆستۈرگەن، خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارغا پايدا يەتكۈزگەن. پاك – دىيانەتلىك بولۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقى ۋە ۋەزىپىسىدىكى تەسىرى، قولايلىقلاردىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا نەپ يەتكۈزگەن ھەم زور سوممىلىق مال – مۈلۈكنى ئالغان. خىزمەت ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، زور زىيان سالغان ۋە يامان تەسىر پەيدا قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى ۋەزىپىسدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈش ھەم باشقىلاردىن مال – مۈلۈك ئېلىش، زور سوممىلىق مال – مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق مەسىلىسى جىنايەتكە چېتىلىدۇ.

  شيې خۇي پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇپ، قانۇنغا، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇ غايە ۋە ئېتىقادىنى يوقىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدى ھەم پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ يەنىلا نەپسىنى، قولىنى يىغمىدى، ئۇنىڭ خاراكتېرى قەبىھ، قىلمىشى ئىنتايىن ئېغىر. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى مۇزاكىرە قىلىش ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا يوللاش ئارقىلىق، شيې خۇيگە پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىشنى قارار قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللاپ، ئۇنى خىزمەتتىن ھەيدەشنى قارار قىلدى. ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ ئېرىشكەن تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىندى. قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى ۋە يىپ ئۇچى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر