باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق باش كاتىپى ئالىمجان مەمتىمىنگە پارتىيىدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى

2016.02.29 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى- مەمۇرىي تەپتىش مەھكىمىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، باش كاتىپى، ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئالىمجان مەمتىمىننىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئالىمجان مەمتىمىن سىياسىي ئىنتىزامغا ۋە سىياسىي تۈزۈمگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، پارتىيە ئىچىدە توپلىشىپ گورۇھۋازلىق قىلغان. تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىشىپ، ھارام پۇلنى يۆتكەپ، ھارام مال، دەلىل ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىپ، گەپنى بىر قىلىۋالغان. پارتىيىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە خىزمەت ئادىتى قاتارلىق سىياسىي تۈزۈملەرگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان، « پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە مىزان» غا خىلاپلىق قىلغان، پارتىيە ئىچىدىكى ئىتتىپاقلىققا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغان. تەشكىلىي ئىنتىزامغا، دېموكراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پرىنسىپىگە، كېڭىشىش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئورۇننىڭ يۇقىرى سوممۇلۇق مۇكاپات تارقىتىش، ئىلغار سايلاش قاتارلىق چوڭ ئىشلاردا ئۆزى قارار چىقارغان؛ تەشكىلگە شەخسىنىڭ چوڭ- چوڭ ئىشلىرىنى ئەينەن مەلۇم قىلمىغان. پاكلىق ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقى ۋە تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن ھەمدە باشقىلاردىن پۇل – مال سورىغان. تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلار بىلەن ناتوغرا جىنسىي مۇناسىۋەت يۈز بەرگەن. ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشنى شەكىللەندۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمدە باشقىلاردىن پۇل - مال سوراش، ئالغان زور مال - مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق مەسىلىسى جىنايەت شەكىللەندۈرىدۇ.

  ئالىمجان مەمتىمىن پارتىيىنىڭ رەھبىرىي كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەسلىدە پاك دىيانەتلىك بولۇشى، قانۇن – ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى كېرەك ئىدى، ئەمما غايە، ئېتىقادىنى يوقىتىپ قويۇپ، ئېغىر دەرىجىدە پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان، ھەمدە پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ ئۆزىنى تارتمىغان، خاراكتېرى قەبىھ، قىلمىشى ناھايىتى ئېغىر بولغان. « جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ تەتقىق قىلىشى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالار يىغىنى قاراپ چىقىش ئارقىلىق، ئالىمجان مەمتىمىنگە پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن، ئۇنىڭغا مەمۇرىي خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى. ئۇنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ ئېرىشكەن مال – مۈلكى مۇسادىر قىلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايى مەسىلىسى ۋە يىپ ئۇچىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ قانۇن بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر