باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە ئەتىيازلىق چوڭ تىپتىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ماشىنا ئىشچىلارنىڭ ئورۇنىنى بېسىپ، ئادەتتىكى ئىشچىلارغا بولغان ئېھتىياج ئازايدى

2016.02.29 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27 - فېۋرال، جۇڭگو شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار بازىرى، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچىدە ئەتىيازلىق چوڭ تىپتىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئادەتتىكى ئىشچىلارغا بولغان ئېھتىياج ئازىيىپ، ئۆزگىرىش بىر قەدەر چوڭ بولدى. كارخانىلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، ماشىنىلىشىش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

  جۇڭگو شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار بازىرىدىكى ئەتىيازلىق چوڭ تىپتىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنىنى ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان. ئوخشاش مەزگىللىك ستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2014 - يىلى ئادەتتىكى ئىشچى ئىش ئورنى 1117بولۇپ، ئىش ئورنى ئېھتىياجى ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدە ئۈچىنچى بولغان. 2015 - يىلى ئادەتتىكى ئىشچى ئىش ئورنى 422بولۇپ، ئىش ئورنى ئېھتىياجى ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدە ئالتىنچى بولغان. بۇ يىل ئادەتتىكى ئىشچى ئىش ئورنى 186بولۇپ، ئىش ئورنى ئېھتىياجى ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدە ئونىنچى بولغان.

  شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەتىيازلىق چوڭ تىپتىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار ئۇيۇشتۇرغان. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى تەكلىپ قىلىش يىغىنىدا، ئادەتتىكى ئىشچى ئېھتىياجى ئومۇمىي ئىش ئورنىنىڭ% 13.5نى ئىگىلەيدىغان بۇلۇپ، بۇ يىل% 11نى ئىگىلىگەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر