خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئۆز مۇخبىرىمىز مەلىكەم خەۋىرى) 2015-يىللىق «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» يىللىق مۇكاپات تارقىتىش يىغىنى 28-فېۋرال بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى، شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى جىدې ماجيا، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى مالچىنفۇ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى يې مېي، « مىللەتلەر ئەدەبىياتى» نىڭ باش مۇھەررىرى شى يىنىڭ، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئورگان پارتكومىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئول مۇئاۋىن شۇجىسى لى شىياۋمىڭ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى باۋ مىڭدې، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى بەرپا قىلىش بىرلەشمە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى پېڭ شۆمىڭ، جۇڭگو يازغۇچىلار نەشرىيات گۇرۇھى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ جۇڭجې قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. مۇكاپات تارقىتىش يىغىنىغا « مىللەتلەر ئەدەبىياتى »نىڭ مۇئاۋىن مۇھەررىرى جاۋ يەنبياۋ رىياسەتچىلىك قىلدى .
2015-يىلى بىرىنچى ساندىن باشلاپ، « مىللەتلەر ئەدەبىياتى »دا بىر قەدەر چوڭ بولغان بەت ئۆزگىرىشى بولدى. ژۇرنال بىتى، سىغىمى كۆپەيتىلدى، يېڭىدىن« ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى شېئىرى» ۋە « ژۇرنىلىمىزدىكى يېڭى شەخس» سەھىپىسى كۆپەيتىلىپ، يېڭى ئەدەبىياتچىلارنى تەربىيلەشنى كۈچەيتتى. تاشقى ئالاقە قاتارلىق جەھەتلەردە، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» يازغۇچى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تەشكىللەپ ئەدەبىي ئالاقىلىشىشقا كورىيەگە بېرىشقا تەشكىللىدى، قازاقچە ۋە چاۋشيەنچە نۇسخىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا قازاقىستان ۋە كورىيەلىك يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى بېسىپ چىقاردى. گېزىت - ژۇرنالنىڭ تەسىرى سىجىل ئېشىپ كەتكەچكە، « مىللەتلەر ئەدەبىياتى» دۆلەت ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق - رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى تەرىپىدىن «2015-يىلى يۈز مۇنەۋۋەر ئىجتىمائىي پەن ژۇرنال»بولۇپ باھالاندى.
2015-يىلى«مىللەتلەر ئەدەبىياتى» نىڭ يىللىق مۇكاپاتى شۇ يىللىق خەنزۇ، موڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەن قاتارلىق ئالتە خىل يېزىق ئىچىدىن 32 پارچە ئەسەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، 11 ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىسى ۋە تەرجىماننىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇچە ئىجادىي ئەسەرلىرىدىن 9 پارچە، موڭغۇلچە، زاڭزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، چاۋشيەنچە ئانا تىلدا ئىجاد قىلغان ئەسەرلەردىن 10 پارچە، تەرجىمە ئەسەرلەردىن 12 پارچە، غەيرەت ئاسىمنىڭ« بەخت قۇشى» قاتارلىق ھېكايە، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن پۇل قارىشى تۇرمۇشىمىزغا ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئەھۋال ۋە يېڭى مەسىلىلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ؛ تۆمۈر داۋامەتنىڭ شېئىرلىرى « خەلقىمگە سالام» ( تىلەك ئىبراھىم تەرجىمىسى) سەمىمىي تىلى ۋە ئاق كۆڭۈل بىلەن تۇرمۇشقا، خەلققەۋە ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى؛ ياسىن زىلالىنىڭ «دىلىستانىم-نۇرىستانىم» ناملىق شېئىرلىرى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى شېئىر ۋەزىنىدە ئىجاد قىلىنغان، يۇرتقا، ۋەتەن گۈزەللىكىگە بولغان ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن.
ئەكبەر مىجىت، فېڭ دېخۇا، ۋاڭ گەن، جاڭ يالى، لى جيەنجۈن قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر ۋە باھالىغۇچىلار، پەن چى، بەي چۇڭرېن، لى يۆرې، جۇ جيەنشىن، غەيرەت ئاسىم، ما يوڭجېن، تىلەك ئىبراھىم، ئابلەت ئابدۇللا، ماخمۇت يولۋاس قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يازغۇچى ۋە تەرجىمانلار ۋەكىللىرى، ۋە « مىللەتلەر ئەدەبىياتى» قىسمەن ئىجادىيەت بازىسى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار مۇكاپات تارقىتىش يىغىنىغا قاتناشتى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى