خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-فېۋرال گرېتسىيەنىڭ ماكىدونىيەگە قوشنا بولغان چېگرا رايونىدىكى ئىدومەين رايونىدا بىر قىسىم مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەر نامايىش قىلىپ، ماكىدونىيەنىڭ ئۆزلىرىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى رەت قىلىشىغا قارشىلىق بىلدۈردى. ئىدومەين ساقچى تەرەپ 26-فېۋرال، تەخمىنەن 3000كىشىنىڭ ئىدومەين تەكشۈرۈش پونكىتىدا ماكىدونىيەگە كىرىشنى ساقلاۋاتقانلىقىنى، يەنە مۇساپىرلار ئولتۇرغان تەخمىنەن 25ئاپتوبۇسنىڭ يېقىن ئەتراپتا توختىتىلغانلىقىنى ئېيتتى، بىراق ماكىدونىيە تەرەپ ئالدىنقى كۈنى ئاران 150كىشىنىڭ كىرىشىنى قويۇۋەتتى. گرېتسىيەنىڭ قوشنا دۆلىتى ماكىدونىيە ئاففانىستاندىن كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلمايدىغان بولدى، پەقەت ئىراق ۋە سۇرىيەدىن كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلماقتا.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى