- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يانۋاردا شىنجاڭنىڭ CPI سى پۈتۈن مەملىكەت سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولدى
2016.02.29 13:22 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
شىنجاڭدا ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا سەۋىيەسى (CPI) ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.7 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 1.1 پىرسەنت پوئىنتلىق سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولۇپ 29-قاتارغا تىزىلغان.
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى 25-فېۋرال ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، يانۋاردا شەھەر ئاممىسى كۆپرەك مال سېتىۋالغان بولسىمۇ، يېمەكلىك، كۆكتات باھاسى نىسپىي %0.8 چۈشۈپ،CPI نىڭ نىسپىي تۇرۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.
بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا، قوي گۆشىنىڭ باھاسى %18.2 چۈشۈپ، كالا گۆشىنىڭ باھاسى %9.9 ، تۇخۇم تۈرىدىكى يېمەكلىكنىڭ باھاسى %3.7 چۈشۈپ، قۇرىتىلغان، يېڭى مېۋە-چېۋىنىڭ باھاسى %3.1 چۈشكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر