باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ كىيىمچىلىكىگە پۇختا ئاساس سالايلى

2016.02.29 13:22         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۆت ئاي ئىلگىرى شىنجاڭلىق 300 كۇرسانت ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىش غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەملىكىتىمىزدىكى توققۇز ئۆلكە، شەھەردىكى 21 كىيىمچىلىك كارخانىسىغا بېرىپ تەربىيەلەنگەن، ھازىر بۇ 300 كۇرسانت ئوقۇش پۈتكۈزۈپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى – شىمالىدىكى كىيىمچىلىك كارخانىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.شىنجاڭ كىيىمچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساس سېلىندى

  2015 – يىلى 29 – دېكابىر فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىشى شەھىرى ‹‹خۇافېي›› كىيىم – كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىدە كومپيۇتېردا سىزىلغان نەپىس توقۇلما بۇيۇم شىنجاڭلىق كۇرسانت ئابلەتنىڭ قولىدىن چىققانىدى.

  ئەمما تۆت ئاي ئىلگىرى ئابلەت كومپيۇتېردا توقۇلما بۇيۇم ئىشلەشنى ئازراقمۇ بىلمەيتتى.

  ئابلەت ئەسلىدە قەشقەردە كۆلىمى ئانچە چوڭ بولمىغان ئاشپۇزۇل ئاچقانىدى، كېيىن تىككۈچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاكىسىنىڭ تەسىرىدە، ئۇمۇ بۇ كەسىپكە قىزىقىپ قالدى. ئۇنىڭ ئارزۇسىغا ماس ھالدا، تاسادىپىي كېلىپ قالغان ئىچكىرىدىكى داڭلىق كىيىمچىلىك كارخانىسىغا بېرىپ ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش پۇرسىتى ئۇنى قەۋەتلا خۇش قىلىۋەتتى. ھازىر ئابلەت كومپيۇتېردا توقۇش تەرتىپىنى ئىگىلەپ، نەقىشلەرنى مۇستەقىل لايىھەلىيەلەيدىغان بولدى.

  ئۈسكۈنىلەرنىڭ رولىنى پىششىق ئىگىلەش، كىيىم تىكىش تەرتىپىنى بىلىشتىن تارتىپ كەسپىي ساپا ۋە باشقۇرۇشنى بىلىش جەھەتلەردە ئابلەت قاتارلىق 300 كۇرسانت خېلىلا مول بىلىم ئالدى.

  كەلگۈسىدە شىنجاڭدا 1 مىليون كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش شىنجاڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى، بۇ پىلانغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون 2014 – يىلى تۇنجى تۈركۈمدە 30 كۇرسانتنى ئىچكىرىگە ئەۋەتىپ تەربىيەلىگەندىن كېيىن، 2 – تۈركۈمدە يەنە 300 كۇرسانتنى توققۇز ئۆلكە، شەھەردىكى 21 مۇنەۋۋەر كىيىمچىلىك كارخانىسىغا تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتتى.

  بۇ كۇرسانتلار نېمە ئۈچۈن شىنجاڭدا ئەمەس، بەلكى ئىچكىرىدە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىلىدۇ؟

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد، ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شيې چىڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: تەربىيەلىنىۋاتقان كۇرسانتلارنىڭ بەزىلىرى پىشىپ يېتىلگەن ئىگىلىك تىكلەش ئىختىساسلىقلىرى، بەزىلىرى كىيىم تىكىشكە ‹‹يېڭىدىن كىرىشكەنلەر››. شىنجاڭ كىيىمچىلىك كارخانىلىرىنىڭ كۆلىمى كىچىك، سانائىتى تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، زامانىۋىلاشقان كارخانا ئالاھىدىلىكىنى تېخى ھازىرلىمىغان، ھازىر بار بولغان كارخانىلاردا بىر يۈرۈش پىشقان ‹‹ئەندىزە›› كەمچىل.

  شيې چىڭ مۇنداق دېدى: ئىچكىرىدىكى كىيىمچىلىك كارخانىلىرىدا ئەمەلىيەتنى كۆرۈپ ئۆگىنىشتىكى مەقسەت، كارخانىلارنى زامانىۋىلاشقان كارخانىغا ئايلاندۇرۇپ، كۇرسانتلارغا باشقۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆگىتىپ، شىنجاڭنىڭ كىيىمچىلىك كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر تۈركۈم تايانچلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

  پەرقلەر سېلىشتۈرۈلۈپ، تېخنىكا يېڭىلاندى

  پەرق ئۈستىدە توختالغاندا، ئۈرۈمچى ‹‹چاۋيى›› سودا – سانائەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ سەيشيا مۇنداق دېدى: ئەڭ مۇھىمى باشقۇرۇش ئەندىزىسى بىلەن باشقۇرۇش ئۇقۇمى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق، بىز يەنىلا ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى شەكلىدىكى ئەندىزىدە تۇرۇۋاتىمىز، كۈچنى بىرىنچى سەپتىكى ئىشچىلارنى تەربىيەلەشكە قارىتىۋاتىمىز، ئەمما ئىچكىرىدىكى كارخانىلار تىكىش تەرتىپىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، ئاددىيلاشتۇرۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن، بۇنداق ھالەتنىڭ بىزنىڭ كارخانىلىرىمىزدا بولمىغانلىقى كارخانىلىرىمىزنىڭ تەربىيەلەش تەننەرخىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدىكى سەۋەب.

  قەشقەر ‹‹يۈفەن›› كىيىمچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ كۇرسانتى رەيھانگۈل تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، سېخ مۇدىرىنىڭ كارخانىدا قانداق رول ئوينايدىغانلىقى، گۇرۇپپا باشلىقلىرىغا خىزمەتلەرنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى، مەھسۇلات سۈپىتىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۆگەندى.

  شيې چىڭ مۇنداق دېدى: دېڭىز ياقىسىدىكى كىيىمچىلىك كارخانىلىرى شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى، شىنجاڭ كارخانىلىرى كۆز ئالدىدىكىگىلا تىكىلىپ تۇرۇۋالسا بولمايدۇ، بەلكى 30 يىل ئىلگىرىكى دېڭىز ياقىسىدىكى كارخانىلارغا ئوخشاش سىرتقا يۈزلىنىشى، سىرتنىڭ زاكىزىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. شىنجاڭ كارخانىچىلىرىنىڭ ماڭا ئەڭ كۆپ ئىنكاس قىلغان مەسىلىسى زاكاز مەسىلىسىدۇر. ئۇلارچە، ھۆكۈمەت زاكازنى تەقسىم قىلىپ بەرسە، كارخانا ئاندىن ياخشى تەرەققىي قىلالايدىكەن، بۇ بىر خاتا قاراش، كارخانا جەزمەن ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى كونترول قىلىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشى زۆرۈر، شۇندىلا بازار رىقابەت كۈچىنى ھازىرلىيالايدۇ.

  شىنجاڭنىڭ كىيىمچىلىكىنى زورايتىش ئۈچۈن كۈچ توپلاندى

  3 – يانۋار شىشى شەھىرىدىكى ‹‹خاۋيۈ›› كىيىمچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلەر ياتىقىدا نۇرئېلى مەھمۇت يۈك – تاقلىرىنى يىغىشتۇرۇۋاتاتتى، 12 خىل رەڭدىكى رەختنىڭ نۇسخىسى بىر يەشىككە لىپمۇ لىق قاچىلانغانىدى.

  قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەيمەن، ئۇستاممۇ ماڭا تېخنىكا جەھەتتىن داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىشقا قوشۇلدى، كارخانام زورايغاندىن كېيىن، ئۇلار يەنە يۇرتۇمغا بېرىپ مېنى يوقلايدىغان بولدى، دېدى نۇرئېلى مەھمۇت كەلگۈسى پىلانلىرى ئۈستىدە توختىلىپ. ئۇ ئائىلىسىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، بىرلىكتە تىرىشىپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئىرادىسىگە كەپتۇ.

  شيې چىڭ مۇنداق دېدى: كۇرسانتلار باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدى، ئۇلار كەلگۈسىدە كارخانىنىڭ غوللۇق ئەزالىرى بولىدۇ، ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولۇۋاتقان كۇرسانتلار سىياسەت مەدىتىگە تايىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ كىيىمچىلىك كارخانىسىنى قۇرسا بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ بازىرى ئىچكىرىدىكى بازارغا ئوخشىمايدۇ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچكىرىدىكى داڭلىق كىيىم ماركىلىرىغا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدۇ، ئۇلار ئۆز جايىدا تىكىلگەن كىيىملەرنى بەكرەك ياقتۇرىدۇ، بۇ ئىنتايىن ياخشى پۇرسەت ۋە بازار بوشلۇقىدۇر. كۇرسانتلار كەسىپلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش تەپەككۇرىغا تايىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت كىيىمچىلىكىدە داڭلىق ماركا يارىتىپ، بازارلىرىنى پۈتكۈل شىنجاڭ ھەتتا، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغىچە كېڭەيتسە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھۆكۈمەتمۇ كۇرسانتلارنى زاۋۇت ئۆيى، مەبلەغ، خادىم تەكلىپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىن قوللايدۇ ھەم كونكرېت يۆلەش چارىسىنى بېكىتىدۇ.

  بۇ ئېتىبار سىياسەتلەر خوتەندىن كەلگەن كىيىم – كېچەك كارخانىسىنىڭ باش دىرېكتورى ئەخمەت مەمەتكە ئىشەنچ بېغىشلىدى، ئۇ ئەمدى زامانىۋى كارخانا باشقۇرۇش تەپەككۇرى بويىچە ئىش كۆرۈپ، تۈزۈملەشكەن كىيىمچىلىك كارخانىسى قۇرۇپ، كارخانىسىنى بارغانسېرى زورايتىش ئىرادىسىگە كەلدى.

  شىنجاڭلىق كۇرسانتلار ئىچكىرىدىكى كىيىمچىلىك كارخانىلىرىغا كېلىپ ئۆگىنىپ، بۇ كارخانىلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتتى، ئۆزئارا ئالاقە قىلىش ئارقىسىدا ئىچكىرىدىكى كىيىمچىلىك كارخانىلىرىمۇ شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىمچىلىك ئىشلىرىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈردى.

  ‹‹ھەر بىر كۇرسانت <بىر تال ئۇرۇق>، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ ئاسمان بىلەن بوي تالىشىدىغان يوغان دەرەخلەرگە ئايلىنىشىنى، شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىمچىلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆز كۈچىنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن›› دېدى شيې چىڭ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر