- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبىرى: ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىمىز
2016.02.26 13:52 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئەنگلىيە ئىيۇندا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ئايرىلماسلىقنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويىدۇ، بۇنىڭغا قارىتا ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسىك 24-فېۋرال بريۇسسېلدا: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيە ئاممىسىنىڭ چىقارغان قارارىغا ھۆرمەت قىلىدۇ دېدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى نۇرغۇن پارتىيەلەرنىڭ داھىيلىرى تۈسىك ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى رونك بىلەن بىرگە 19-فېۋرال ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيە ھاسىل قىلغان ئىسلاھات كېلىشىمىنى مۇنازىرە قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۈسىك سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە ئاممىسىلا ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قېلىش ياكى قالماسلىقىنى قارار قىلالايدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىلالايدىغىنى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قېلىشى ھەققىدە يېڭى ئىسلاھاتلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر