باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا

«پارتىيە نىزامنامىسى، قائىدىسىنى ئۆگىنىش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنى ئۆگىنىش، لاياقەتلىك پارتىيەئەزاسى بولۇش» توغرىسىدا ئۆگىنىش لايىھەسىنى تارقاتتى

2016.02.29 13:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا <پارتىيە نىزامنامىسى، قائىدىسىنى ئۆگىنىش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنى ئۆگىنىش، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش> توغرىسىدا ئۆگىنىش، تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش لايىھەسى»نى تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلارنىڭ ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «پارتىيە نىزامنامىسى، قائىدىسىنى ئۆگىنىش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنى ئۆگىنىش، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش» توغرىسىدا ئۆگىنىش، تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش(تۆۋەندە «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىردە لاياقەتلىك بولۇش» دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى) پارتىيە ئەزالىرىغا قارىتىلغان پارتىيە ئىچىدىكى تەربىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش بولۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى تەربىيەنى «ھالقىلىق ئاز سانلىق»تىن بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەركەزلەشتۈرۈپ تەربىيەلەشتىن دائىملىق تەربىيەلەشكە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. جايلار، تارماقلار، ئورۇنلاردىكى پارتكوملار (پارتگۇرۇپپا) «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىردە لاياقەتلىك بولۇش» ئۆگىنىش، تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى ساقلاشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇشى، بۇنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە دەپ بىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، جايىدا تۇتۇشى، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشى كېرەك. ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە ئەزالىرىغا پارتىيە نىزامنامىسىگە ھۆرمەت قىلىش، پارتىيە قائىدىسىگە رىئايە قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى بىلەن مېڭىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ ئىدىيە، تەشكىللەش، ئىستىل، ئىنتىزام قاتارلىق تەرەپلەردە ساقلانغان مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سىياسىي ئېڭى، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەك بولۇش ئېڭىنى تىرىشىپ يەنىمۇ كۈچەيتىپ، غايە، ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەگە بولغان سادىقلىقىنى ساقلاپ، ئىستىلى دۇرۇس، پاك - دىيانەتلىك بولۇش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالغۇزۇپ نەتىجە ياراتقۇزۇپ، ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىردە لاياقەتلىك بولۇش»نى ئۆگىنىش، تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش بىر قېتىملىق پائالىيەت ئەمەس، نورمال تەربىيەنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قاتلامنى ئايرىپ، مەسىلىلەرنى قاراتمىلىق ھەل قىلىپ، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرسلىك» قاتارلىق پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇش تۈزۈمىگە تايىنىپ، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆز ساپاسىنى ئۆستۈرۈش تەشەببۇسكارلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى، سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈندە ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، دائىم قاتتىق بولۇش كېرەك. جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى بېكىتىپ، ئاساسىي قاتلامغا بوشلۇق قالدۇرۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ مەركىزىي خىزمىتى ۋە پارتىيە خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، ئۆگىنىش، تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى قولدا تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى پارچە تېرە» بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىنى كەسكىن تۇتۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى چىڭىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى ئىش قىلىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈش، بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇستەھكەم تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار، ئورۇنلاردىكى پارتكوملار (پارتگۇرۇپپا) لايىھە تەلىپىگە ئاساسەن، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈشى كېرەك. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىردە لاياقەتلىك بولۇش» ئۆگىنىش، تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر