باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قارار چىقىرىپ مەمەتجان توخنىيازغا ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى›› دەپ نام بەردى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا مەمەتجان توخنىيازدىن ئۆگىنىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى

2016.02.29 13:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 27 – فېۋرال قارار چىقىرىپ، باي ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ‹‹18 – سېنتەبىر›› دېلوسىدىكى توپىلاڭچىلارنى ئىزدەپ تۇتۇش، تۇتقۇن قىلىنغان چارۋىچىلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدە قۇربان بولغان مەمەتجان توخنىيازغا ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى›› دەپ نام بەردى.

  مەمەتجان توخنىياز، ئۇيغۇر، ئونسۇ ناھىيەسىدىن، 1964 – يىلى 11 – ئايدا تۇغۇلغان، 1988 – يىلى 12 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1982 – يىلى 7 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان. ھايات ۋاقتىدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن، بىرىنچى دەرىجىلىك يېتەكچى ساقچى ئۇنۋانىغا ئىگە.

  مەمەتجان توخنىياز 33 يىللىق خىزمەت ھاياتىدا بىر قاتار مۇھىم، زور دېلولارنى پاش قىلغان، ‹‹مەملىكەت بويىچە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشتىكى ئىلغار شەخس››، ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ساقچى››، ‹‹ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سىياسىي – قانۇن سىستېمىسىدىكى ئون ئىلغار شەخس›› قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن، بىر قېتىم 2 – دەرىجىلىك، ئىككى قېتىم 3 – دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن. 2015 – يىل 13 – ئۆكتەبىر باي ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ‹‹18 – سېنتەبىر›› دېلوسىدىكى توپىلاڭچىلارنى ئىزدەپ تۇتۇش، تۇتقۇن قىلىنغان چارۋىچىلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدە توپىلاڭچىلار تەرىپىدىن قەبىھلەرچە ئۆلتۈرۈلۈپ، شەرەپ بىلەن قۇربان بولغان. 2015 – يىلى 11 – دېكابىر مەمەتجان توخنىيازغا ئىنقىلابىي قۇربان، مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى بويىچە 1 – دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى دەپ نام بېرىلگەن.

  تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئىلغارلارنى تەقدىرلەش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى قەھرىمان نەمۇنىچىلەرنىڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرى، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش كۈرىشىگە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قارار چىقىرىپ، مەمەتجان توخنىيازغا ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى›› دېگەن نامنى بەردى.

  قاراردا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش مەمەتجان توخنىيازنىڭ ئىش – ئىزلىرى ۋە باتۇرانە ھەرىكىتى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ، ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا يولداش مەمەتجان توخنىيازدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى تېزدىن قانات يايدۇرۇپ، ئۇنىڭ پارتىيەگە، خەلققە ۋە كەسىپكە سادىق ئالىيجاناب پەزىلىتىدىن، چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە مەيدانىنى مۇستەھكەم تۇتالايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايدىغان، ھەر مىللەت ئاممىنى قىزغىن سۆيىدىغان ئالىيجاناب روھىدىن، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، خەتەردىن، قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان قەھرىمانلىق جاسارىتىدىن ئۆگىنىپ، تىرىشىپ سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم ئۈلگە، مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈلگىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى، كەسىپكە ئۆزىنى بېغىشلاش ئۈلگىسى، پاك – دىيانەتلىك بولۇش ئۈلگىسى بولۇپ، ئىناق، ئىتتىپاق، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىيەتلىك، ئىلگىرىلەيدىغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر