باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى

2016.02.26 13:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ يەر ۋاقتى 24-فېۋرال ئاق سارايدا ئامېرىكىدا رەسمىي زىيارەتتە بولىۋاتقان دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى. ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى يېڭى ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى. جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن يۇقۇرى قاتلاملىدىكىلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋىي خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ 3-ئاينىڭ ئاخىرى، 4-ئاينىڭ باشلىرىدا ئۆتكۈزىغان 4-نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنىنى قوللايدۇ. ئوباما ئىككى تەرەپنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئالاقىدار رايون قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىغا ئىجابىي باھا بەردى. ئوباما مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم، ئىككى تەرەپ ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى داۋاملاشتۇرىشى كېرەك. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزىلىدىغان 4-نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشىنى كۈتمەكتىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر